«سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئارىقان: «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش ئىنسانلىققا خىيانەتتۇر»

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2025.02.06
saadet-mahmut-arikan «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئارىقان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2025-يىلى 29-يانۋار، ئەنقەرە
Facebook/@Saadet Partisi

تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ تاشقىي سىياسىتى، خەلقئارا مۇناسىۋىتى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى بۇ توغرىلىق پىكىر بىرلىكىگە كېلىشكە، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

4-فېۋرال كۈنى «سائادەت» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى پارلامېنتتىكى ئومۇمىي يىغىندا سۆزلەپ، تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قوللىشى بىلەن، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

ئۇ، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەممىمىز ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەيۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ تارىخىي يۇرتىمىز. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ئۇ زېمىندا بولۇۋاتقان ئىشلار يۈرەكلىرىمىزنى داغلىماقتا. شەرقىي تۈركىستان مۇنداقلا بىر زېمىن ئەمەس، ئۆتمۈشىمىزنىڭ ھېكايىلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سىمۋولدۇر. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بۇ زېمىن خىتاي زۇلمى ئاستىدا تىترىمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى پەقەتلا دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكى تۈپەيلىدىن زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا، ئاۋازلىرى چەكلەنمەكتە، ئەركىنلىكلىرى تارتىۋېلىنماقتا».

مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرى يېتەرلىك بولمىسىمۇ، 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئىشلىدى دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى، ئەپسۇسكى خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»

مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئىنسانلىققا خىيانەت قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «2023-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەللىكتىن كۆپ دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئورتاق بىر باياناتقا قول قويدى. بىز بارلىق ئىنساننىڭ ئوخشاش ھەق ۋە ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىمىزنى چىقىرىش، بۇ ھەقتە كونكرېت قەدەم تاشلاش تاللاش ئەمەس، مەجبۇرىيەتتۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش ئىنسانلىق غۇرۇرىغا ئىگە چىققانلىق بولىدۇ. ھەممىمىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق، بىرلىكتە ئاۋازىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرسەك، بۇ زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرالايمىز. ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىش ئىنسانلىققا خىيانەت قىلغانلىقتۇر. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقىش مەجبۇرىيىتى باردۇر.»

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە كانادا، فىرانسىيە، چېخىيە، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلىشى، شۇنداقلا لوندوندا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭمۇ ئوخشاش ھۆكۈم چىقىرىشى تۈركىيەدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانىدى. لېكىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەر كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان بولسىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەنىدى. مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيەسى ۋە باشقا پارتىيەلەردىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئورتاق بىر قارار ماقۇللاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ زۇلۇمنى توختىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە، پارلامېنتتىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر ھەمپىكىر بولۇپ، بۇ ھەقتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلايلى. تۈرك جامائەتچىلىكىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەيلى. شۈبھىسىزكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىمىز. مەن پارلامېنتتىكى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنى جەسۇر بولۇشقا چاقىرىمەن، بۇ تەكلىپ لايىھەسى ئۆكتىچى پارتىيەدىن كەلدى دېمەستىن ھەممىڭلار قوللاڭلار، سىلەرنى خەلق چىڭ يۈرەكتىن ئالقىشلايدۇ. ئەگەر بىزنى قوللىمىساڭلار، سىلەرگە بوسنىيەلىكلەرنىڭ رەھبىرى ئەلى ئىززەت بېگوۋىچنىڭ بىر سۆزىنى ئەسلىتىپ قويماقچىمەن: ‹ھەممە ئىش ئاخىرلاشقاندا يادىمىزدا قالىدىغان نەرسە دۈشمەنلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ئەمەس، دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى بولىدۇ›».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللىتىشنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭمۇ بۇنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قوللىغان تەقدىردە بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللاتقىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەھمۇد ئارىقان ئەپەندى 1977-يىلى قەيسەرىدە تۇغۇلغان. قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2023-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2024-يىلى سائادەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.