CBS قانىلى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يوشۇرۇش تەشۋىقاتىغا يان تاياق بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى
2024.02.09

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ئورگىنى بولغان CBS قانىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە تارقاتقان بىر تەپسىلاتى قاتتىق تەنقىدلەشكە ئۇچرىدى.
ئامېرىكانىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى CBS نىڭ 2024 يىلى-7 يانۋار كۈنىدىكى «يەكشەنبە ئەتىگىنى» (SUNDAY MORNING) ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا «شىنجاڭنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى» (The rebranding of Xinjiang) دېگەن تېمىدا بىر مەخسۇس زىيارەت خەۋىرى ۋە ماقالىسى تارقىتىلغانىدى. CBS مەزكۇر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان زىيارەت ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ بىردەك ھالدا خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنىمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمىغان.
گەرچە ئۇلار خەۋىرىدە بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ زىيارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوبيېكتىپ كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيداندىكى دوكلاتتا خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلارغا تەييارلىغان سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كۈچلۈك نازارىتى ئاستىدا، بارلىق كىشىلەرنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغانلىقى مەتبۇئاتلارغا تونۇشلۇق بىر ئەھۋال بولسىمۇ، ئۇلار خەۋىرىدە، ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتى ياساپ چىققان سەھنىلەشتۈرۈلگەن ئورۇن ۋە كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنى تەييارلىغان. خەۋەردە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دېگەن ئاتالغۇلارنىمۇ ئىشلەتمىگەن.
CBS ئامېرىكادىكى رىقابەتچى قاناللاردا تەنقىدلەندى
2024-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئامېرىكا Fox خەۋەرلەر قانىلى، CBS نىڭ 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ئېلىزابېت پالمېر يازغان ۋە راندى شىمىت تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى زىيارەت خەۋەرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە پىلانلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، CBS نىڭ بۇ خەۋىرى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيونى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن.
خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو، CBS خەۋەرلەر شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋېندى ماكماخون(Wendy McMahon) غا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن شېرىكلىشىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرگەن.
ماركو رۇبىيو Fox قا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «CBS خەۋەرلىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە ‹تەشۋىقات ساياھىتى›، ‹كۆپتۈرمە خەۋەر› بىلەن ياردەم بەردى.» ئۇ شۇنداقلا CBS خەۋەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۈەن بىلەن سودا قىلىش ياكى جازادىن قېچىشقا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ جازا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كەسكىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا سىياسىيونلىرى CBS خەۋەرلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلماقتا
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو، CBS لىدىرىغا ئەۋەتكەن خېتىنى، 2024-يىلى 31-يانۋار ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش تور بېتىگىمۇ قويغان. ئۇ خېتىدە ۋېندى ماكماخونغا مۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خىزمەتچىلىرىڭىز زىيارەت قىلغان بۇ رايون ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلار، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر نىشان قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونى دەپ قارىلىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ تەشۋىقات ساياھىتىگە قاتنىشىشتا، تەشكىلاتىڭىز ئامېرىكانىڭ ئىمبارگو قويۇشىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇشى مۇمكىن ياكى بېكىتىلگەن ئورۇنلارنى قوللاپ، بۇ خىل جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، شىركىتىڭىزنىڭ مۇخبىرلىرىنى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قاتناشتۇرغانلىقىڭىز توغرۇلۇق كۆرۈرمەنلەر ۋە ئامېرىكا خەلقىگە جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىڭىز بار».
ماركو رۇبىيو خېتىدە ئاگاھلاندۇرۇپ يەنە مۇنداق تەكىتلىگەن: «بىلگىنىڭىزدەك، ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قوماندانلىقى ۋە كونتروللۇقىدا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە ھەم شىنجاڭدىكى دىنىي گۇرۇپپىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى بېكىتتى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (ئارمىيەسى) ۋە شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە جازا يۈرگۈزدى. شۇڭلاشقا ئامېرىكادىكى ھەر قانداق شەخس ياكى شىركەتنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى (ئارمىيەسى) ھەم ياكى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن ھەر قانداق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشى قانۇنسىز. بۇ يەنە جازاغا ئۇچرىغان ھەر قانداق كىشى ياكى ئورۇننى پايدا ياكى مەنپەئەت ئۈچۈن مەبلەغ، تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. »
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ X تە قالدۇرغان باياناتلىرىغا قارىغاندا، CBS نىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق جاۋاب ياكى چۈشەندۈرۈش ئېلان قىلمىغانلىقى مەلۇم. CBS رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سورىغان سوئاللىرىغا ھازىرغىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.
CBS قانىلى مۇتەخەسسىس ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان CBS قانىلىنىڭ خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ۋە «ئوبيېكتىپ بولمىغان» بۇ خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتور ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ئەپەندى CBS قانىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمىگە قارىتا x تە يازغان تەنقىدىي ئىنكاسىدا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا باشلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمايلا قالماستىن بەلكى يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان دوكلاتلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بەرمەي، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.
دوكتور ئادرىئان زېنز: «CBS قانىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ياردەم بەردى» دەپ كەسكىن تەنقىد قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باھا بېرىشىچە، «CBS نىڭ بۇ خەۋىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر، چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن ناچار. ئىككىنچىدىن دىققەتنى لاگېرلارغا بەكرەك ئاغدۇرۇپ، يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان. »
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفى رىچاردسون (Sophie Richardson) CBS قانىلىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىۋاتقانلارنىڭ بىرى.
ئۇ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «CBS نىڭ بۇ بىمەنە خەۋىرىنى ئىنتايىن راھەتسىزلىك ئىچىدە كۆرۈپ تۈگەتتىم. ھەتتا ئۇلار ئىرقى قىرغىنچىلىق دېگەن ئاتالغۇنى بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئالمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ جايدىكى باستۇرۇشلىرى، ۋەھشىيلىكلىرى ھەققىدە پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئورنىغا، خىتاي دائىرىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ۋە ياكى كۆرسىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ياسالما بايانلىرى ئارقىلىقلا، ئۇيغۇرلار شەقىقىدە تەييارلانغان بۇ خەۋەرنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ مېنى تېخىمۇ ھەيران قىلغىنى، ھۆججەتلىك فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەردىن ئۇلارنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 6 ئايلار ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. چۈنكى فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ياز پەسلى. ئەمما ئۇلارنىڭ خىتايغا پايدىلىق بۇ خەۋىرىنى دەل ب د ت دا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئىككى ھەپتە قالغان ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى تاسادىپىيلىقمۇ؟ بۇنى بىلمەك تەس. ئەمما ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، CBS تەك ئەركىن ئاخبارات ئورۇنلىرى نېمىگە مەۋجۇت، دەل خىتايغا ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەتلەرنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ »
ئۇيغۇرلار CBS نىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلار جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تەڭرىتاغ ئاياللار جەمئىيىتى قاتارلىق دۇنيانىڭ ئوخشىمايدىغان دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ جەمئىي 20 تەشكىلات، 29-يانۋار «CBSخادىملىرىنىڭ خىتاي تەشۋىقات تارماقلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ۋە ئۇيغۇر رايونى زىيارىتى ھەققىدىكى بىر قاتار مەسئۇلىيەتسىز بايانلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دەپ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
ئۇلار باياناتىدا CBS نىڭ خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايونىغا قىلغان تەشۋىقات ساياھىتىگە ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن تارقاتقان خەۋىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى سىنلىق ۋە يازما خەۋەرلىرىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر باياناتنى باش بولۇپ تەييارلىغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئامېرىكالىقلار ئائىلىسىدىكىلەردىن يەنىلا خەۋەرسىز، ئالاقىسىز تۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا، CBS نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، پەقەتلا خىتاي تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكىنىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىپ، بۇ جاينى كۈندىلىك تۇرمۇش نورمال ھالەتكە كەلگەن ئېسىل ساياھەت مەنزىلى دەپ تەسۋىرلىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقانلىقتۇر. بۇ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھاقارەت،» دەپ تەنقىد قىلدى.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم يەنە ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان CBS مۇخبىرلىرىنىڭ بىتەرەپ مەتبۇئات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي كونترول قىلىنغان ۋە سەھنىلەشتۈرۈلگەن ساياھەتلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى ۋە ئۇنى ئاشكارىلاش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەتچىلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» نى يوشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ساياھەتچىلىكنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ ئاتاپ، چەتئەل ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ساياھەت تەشكىللىمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلغانىدى.
رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيونىڭ ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، CBS نىڭ ئۇلار سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى سورىغان بولساقمۇ لېكىن ئۇلار جاۋاب قايتۇرمىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان CBS قانىلىنىڭ مەزكۇر خەۋىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىس ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدلىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، CBS قانىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 9-يانۋار، مەخسۇس CBS قانىلىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن خەۋىرىنى ماختاپ ماقالە ئېلان قىلىپ: «CBS شىنجاڭدىكى تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى ۋە تۈرمىلەر ھەققىدە ئىسپات تاپالمىدى» دەپ داۋراڭ سالغان.