خىتاينىڭ لاگېرلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغان 2017-يىلىدىن بۇيان، قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى، قانچىلىكىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، يەنە قانچىلىكىنىڭ ئىز-دېرەكسىز ئىكەنلىكى، ئۇلاردا كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي ۋە روھىي، ئىقتىسادىي زەخمەتنىڭ ھېچقايسىسى ھەققىدە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق، ھەتتا بۇ جەرياندا قانچىلىك بالىلارنىڭ يېتىم قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ نامەلۇم. ئەمما ھازىرغىچە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، دۇنياۋى ئىشەنچلىك ئاخبارات ئورگانلىرى ئىگە بولغان ئىسپاتلىق ماتېرىيال ۋە دەلىللەرنىڭ ئۆزىدىلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر پاجىئەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىگە باھا بېرىشكە يېتەرلىك. چۈنكى، مەزكۇر قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىشتەك ئاداققى نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى 8-مارت كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يېڭى لىنىيە ئىنستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزى ئېلان قىلغان 50 تىن ئارتۇق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدىكى زور ھەجىملىك مەخسۇس دوكلاتى ئارقىلىق يەنىمۇ پاكىتلىق جەزملەشتۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 1948-يىلىدىكى «قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دە كۆرسىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغان بەش تۈرلۈك جىنايەت مەلۇم ئىرقىي گۇرۇپپا (مىللەت) ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش؛ ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش، يەنى ياشىغۇسىز قىلىۋېتىش؛ ئۇلارنىڭ نورمال كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش؛ پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ، مۇستەملىكىچى مىللەتكە قوشۇۋېتىش، يەنى كىملىك ئېڭىنى يوق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلىرىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلىپ، ئۆز ئائىلىسى بىلەن قايتا بىرلىشىش پۇرسىتىدىن تامامەن مەھرۇم بولغان يېتىملارغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن ئائىلە ۋە بالىلاردا مۆلچەرلەپ تەس بولغان ئېغىر زەخمەت پەيدا قىلماقتا. بۇ شۇنداقلا قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر تەرىپى.
يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا تارقالغان ئاقسۇدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان 6 ياشلىق، سەبىرە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىز، خىتاي ئوقۇتقۇچىسىغا ئاكىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە دەپ بېرىشكىمۇ ئىككىلىنىپ، ئەگەردە ئۇيغۇرچە دېسەم «تىللساڭلارچۇ؟ تاياق يېمەمدىم. . .» دېگەندەك تەشۋىشلىرىنى تەبىئىي ئىپادىلەيدۇ، بۇ نارەسىدىنىڭ بىغۇبار كۆزلىرىدە، سۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن قايمۇقۇش ۋە چارىسىزلىك ئۇنى كۆرگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكىنى قاناتقانلىقى ئىنكاسلاردىن مەلۇم.
28 يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق مۇئەللىم، بالىلاردىكى بۇ خىل ئىككىلىنىش ۋە قورقۇشنى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۇ ئۆزىمۇ سىنىپىدا، مەجبۇرىي يېتىمغا ئايلانغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەن. ئۇ بۇ قىزدىكى ئىزتىراپنى ۋىدىيودىن كۆرۈپ «بۇ بىچارە بالىلار پەقەت بۈگۈن تاياق يېمىسەم، ئاچ قالمىسام» دېگەندىن باشقىنى ئويلىيالمايدىغان ھالەتتە دەيدۇ.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ئۇلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تەھدىت سېلىش ئاشكارا بىر ئىشقا ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
قەلبىنۇر مۇئەللىم 2016-يىلىدىلا مەكتەپتە يېتىم بالىلارنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، 2018-يىلىغا بارغاندا سىنىپنىڭ يېرىمى دېگۈدەك قۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى. قەلبىنۇر مۇئەللىم، «بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بالىلارنىڭ روھىدا قالدۇرغان جاراھەتنى مۆلچەرلەش تەس ساقايتماق تېخىمۇ تەس» دەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «ئاتا-ئانىلار ئاز كۈندە قايتىپ كېلىدۇ» دەپ تەسەللى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئاخىرى بالىلار لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ھازىر شۇ ئوقۇغۇچىلىرىمغا يالغانچى بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى قايتىپ كەلمىدى» دەپ ئازابلىق ياش تۆكتى.
بۇخىل پسىخىكىلىق زەخمەت ۋە توسالغۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلاردىلا ئەمەس چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر ئېلىگە كەتكىنىچە قايتىپ كېلەلمىگەن، لاگېرلارغا قامالغان ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىنىپ تىرىك يېتىمگە ئايلانغان بالىلاردىمۇ ئىپادىلەنمەكتە. ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر سەدىردىننىڭ ئائىلىسى لاگېر قۇربانلىرى ئائىلىسىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئايالى 2016-يىلى پاسپورتىنى يېڭىلاش ئۈچۈن «بالىلىرىم بىر ئايغا قالماي يېنىپ كېلىمەن» دەپ ئاتۇشقا كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەن. بۇ ئانا، يەنى مۇيەسسەر لاگېرغا قامىلىپ قويۇپ بېرىلگىنىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ ھازىرغا قەدەر ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن جەم بولالمىغان.
سەدىردىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىزتىراپلىق، ئازابلىق، تەشۋىش ئىچىدە بالىلىرى ئانىسىز ئۆتكەن 5 يىلنىڭ 3 يېشىدا ئانىسىدىن ئايرىلغان قىزى فاتىمەنىڭ قەلبىگە ئىنتايىن قاراڭغۇ ۋە چوڭقۇر يارا قالدۇرغانلىقى يېقىندا ئۇنىڭ مەكتەپتىكى رەسىم كۇرژىكىدا سىزغان «مېنىڭ ئائىلەم» دېگەن بىر پارچە سۈرىتىدىن ئىنتايىن ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن.
ئامېرىكادىكى بالىلاردىكى پىسخىكىلىك جاراھەتنى داۋالاش جەھەتتە 35 يىللىق تەجرىبىگە ئىگە بالىلار پسىخولوگىيەسى مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكىدىكى زەخىملىنىشنىڭ ئىپادىلىرى ۋە ئۇنى ئىپادىلەشچان سەنئەت ئارقىلىق داۋالاش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور كەتىي خانىم، يۇقىرىغا ئوخشاش جازالىنىشتىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋە ئاكىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بېرىشتە ئىككىلىنىپ قورققان ئۇيغۇر نارەسىدىدىكى ئىزتىراپ ۋە ئائىلىسىنى ئىككىگە ئايرىپ سىزىش ئارقىلىق ئانىسىز قارا باسقان كېچىلىرىنى، قورقۇنۇچنى ئىپادە قىلغان، يەنى 5 يىل ئاپىسىنى كۆرمىگەن فاتىمەدىكى ئىپادىلەرگە قاراپ ئۆز ئەندىشىلىرىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «بالىلارنىڭ بۇ خىل زەربىلىرىنىڭ بۇ خىل سىزىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى بەكمۇ مۇھىم، گەرچە ئۇنىڭدا سۆز بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆرگەن ئۇچرىغانلىرىنىڭ ئۇلاردا قالدۇرغان تەسىرىنى، ھەقىقىي ئىچكى تۇيغۇسىنى، رېئاللىقنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان كۈچكە ئىگە. ئىلگىرى سوداندىكى ئاتا-ئانىسى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇش قۇربانلىرى بولغان بالىلارنىڭ كۆرگەن قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەرنى، ئازابلىرىنى تەسۋىرلەپ سىزغان رەسىملىرى، خەلقئارالىق سوتتا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ سۇداندىكى قەتلىئاملىرى، ئۇلارنىڭ بىگۇناھ خەلققە قىلغان قانلىق ۋە ياۋۇز قاتىللىق جىنايەتلىرىنىڭ پاكىتلىرى سۈپىتىدە كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلىق رولىنى ئوينىغان. بۇ بالىلاردىكى ئىپادىلەرمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق يارىلىرىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر».
ئاخباراتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىسى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىك سەۋەبلىك ئۇيغۇر دىيارىدا ياتاقلىق مەكتەپ ۋە ياكى دارىلئېتاملاردا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر يېتىم بالىلارنىڭ سانىنى 500مىڭ دەپ مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىغا ئاساسەن تەخمىنلەنگەن شۇنداقلا ئىككى يىل ئاۋۋالقى بىر سانلىق مەلۇمات. ئەمىلى ئەھۋال ۋە ساننى مۆلچەرلەش قىيىن.
دوكتور كەتىي يەنە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى بىر بالداق دەرىجىدە بولغاچقا ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلاردا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پسىخىكىلىق كېسەل ياكى زەخمىلىنىشكە توغرا دىئاگنوز قويۇپ ئۈچۈنمۇ يېڭى بىر نام قوللىنىشقا توغرا كېلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق ئىلگىرىكى قىرغىنچىلىقلاردىنمۇ پەرقلىق بىر شەكىلدە داۋام قىلماقتا. بۇ تراگېدىيەنىڭ تەسىرلىرىنى رايوندا ئەتراپلىق تەتقىق قىلماي، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماي تۇرۇپ كېسىپ بىر نەرسە دېمەك تەس. ئەمما ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش بالىلار بېشىدىن كەچۈرىدىغان ئەڭ دەھشەتلىك قورقۇنۇچتۇر. بالىلار يالغۇز ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىسىدىنلا ئەمەس بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى، تارىخىي تىلىمۇ ئۇلاردىن تارتىپ ئايرىۋېتىلىدۇ. ئۇيغۇر بالىلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراشنىڭ ئالدىدىلا، سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇپ يەنى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش تەربىيەسىگە ئۇچرىغان. شۇڭا بۇ ئالاھىدە يېڭى بىر دەرىجىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق. بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ئېغىر دەرىجىدىكى پسىخىكىلىق توسالغۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ بەلكىم ھېچ زامان ئۇنىڭدىن ساقىيالماسلىقى مۇمكىن. كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىر يەرگە كەلگەندىمۇ بېشىدىن ئۆتكەن بۇ قورقۇتۇشنىڭ ئاسارەتلىرى بىر ئۆمۈر ئۇلارغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ بوشلۇقنى ھېچ زامان ھېچنېمە تولدۇرالمايدۇ. ھەتتا، بىر قانچە ئەۋلادلارغىچە تەسىرى بولۇشى مۇمكىن».
دوكتور كەتىي خانىم يەنە ئامېرىكىدىكى «پسىخولوگىيە بۈگۈن» ناملىق 5 مىليوندىن كۆپ ئوقۇرمىنى بولغان، پسىخولوگىيە كەسپىي ئىلمىي تور ژۇرنىلىنىڭ تۆھپىكار تەتقىقاتچى يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
(مەزكۇر تېمىدىكى پروگراممىنىڭ داۋامى بار)