«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان لىتۋا بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى كرىزىسقا دۇچ كەلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.08.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
لىتۋا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ دەپ جاكارلىدى
Yettesu

بالتىق دېڭىز بويىدىكى 3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە لىتۋا جۇمھۇرىيىتى بۇ يىلنىڭ مارت ئايلىرىدا خىتاينىڭ بېسىملىرىغا پەرۋا قىلمىغان ھالدا خىتاي تەرىپىدىن ياۋروپانى پارچىلاش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىقىلغان 1+17 ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىپ ھەم خىتاينى ھەم ياۋروپانى ھەيران قالدۇرغانىدى. بۇ دۆلەت يەنە خىتاينىڭ قاتتىق قارشى چىقىشىغا قارىماي بۇ يىل 19-ماي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، خىتاينىڭ جېنىغا تەگكەنىدى. بۇ قېتىم ئۇ تەيۋەننىڭ لىتۋادا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن. نەتىجىدە، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى زور دەرىجىدە بۇزۇلغان. لىتۋا ئۆتكەن ئايدا بۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىگىچە تەيۋەندە ۋاكالەتخانا قۇرىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن بىلەن ھەر تۈرلۈك سودا ھەمكارلىقلىرىنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

«فىرانسىيە ئاۋازى» نىڭ 10-ئاۋغۇستتىكى «خىتاي رەھبەرلىرى لىتۋادىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لىتۋانىڭمۇ خىتايدىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەننىڭ لىتۋادا «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىدىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ لىتۋا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن قايتا-قايتا سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھەمدە بۇنىڭ «ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق» ئىكەنلىكىنى تەكرار ئەسكەرتكەن. ھالبۇكى، لىتۋا خىتاينىڭ تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمىغان. تەيۋەننىڭ پايتەخت رىگا شەھىرىدە «تەيۋەن» دېگەن نام بىلەن ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كرىزىسقا پاتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالىغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ئاۋغۇست يازما بايانات ئېلان قىلىپ لىتۋادىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە لىتۋانىڭمۇ خىتايدىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي باياناتتا مۇنداق دېگەن: «لىتۋا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ قايتا-قايتا سۆھبەتلىشىشى ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى كۆيدۈرمەسلىك توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ لىتۋادا ‹تەيۋەن› دېگەن نامدا ۋاكالەتخانا قۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قۇرۇش ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا تامامەن خىلاپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قىلىنغان ئېغىر دەرىجىدىكى زىيانكەشلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز خىتاينىڭ لىتۋادىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى قارار قىلدۇق ۋە لىتۋانىڭمۇ خىتايدىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىمىز».

لىتۋا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى دىپلوماتىك بۇزۇلۇشنىڭ زور ۋەقە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا تېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

خىتاينىڭ باياناتىدا يەنە شۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي تەرەپ لىتۋا تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، دۇنيادا بىرلا خىتاي بار، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتايغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بىر خىتاي پىرىنسىپى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتە ئېتىراپقا ئېرىشكەن ئۆلچەم ۋە خەلق´ئارا جەمئىيەت قوبۇل قىلغان ئاساسىي ئۇقۇم، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسى قىلچە تەۋرەپ قالمايدۇ. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قىزىل سىزىققا چېقىلىشقا بولمايدۇ. بىز تەيۋەن دائىرىلىرىنىمۇ ئاگاھلاندۇرىمىز، تەيۋەن مۇستەقىللىقى پەقەتلا بىر ئەجەل يولىدۇر، خەلقئارادا بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرى ھەرگىز نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ».

بۇ باياناتتىن خىتاينىڭ نەقەدەر بىئارام بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ئالدى بىلەن لىتۋا خەلقىنىڭ جاسارىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ لىتۋا خەلقىگە نىسبەتەن چوڭقۇر بىر ھۆرمىتى بارلىقىنى، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ لىتۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلى 10-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي لىتۋانىڭ باش ئەلچىسىنى قوغلاپ چىقاردى» ناملىق خەۋەردە ھەمدە «دۇنيا» گېزىتى ئېلان قىلغان «كىچىك لىتۋانىڭ خىتاي بىلەن قارشىلىشىشى» ناملىق خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، لىتۋانىڭ خىتاينى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشى شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.