روشەن ئابباس: «ئانتونىئو گۇتېررېس ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللايدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.09.27
روشەن ئابباس: «ئانتونىئو گۇتېررېس ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللايدۇ» ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم پورتۇگالىيەنىڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2022-يىلى 27-سېنتەبىر.
Photo: RFA

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنى ئۇنىڭ يۇرتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

پورتۇگالىيەنىڭ پايتەختى لىسسابوندا نەشردىن چىقىدىغان 150 يىللىق تارىخقا ئىگە «كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى 26-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى لىسسابوندا» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە سەھىپە ئاجراتقانىدى. 27-سېنتەبىر كۈنى يەنە «روشەن ئابباس: گۇتېررېس ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللايدۇ» ناملىق خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، تېگى پورتۇگالىيەدىن بولغان، پورتۇگالىيەلىكلەر ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىغان ب د ت نىڭ ھازىرقى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سەل قاراش ۋە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە سۈكۈت قىلىش، خىتاينى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بايان قىلغان.

ماقالىدا روشەن ئابباسنىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مىشېل باچېلېت 4 يىلدىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. بىراق ئانتونىئو گۇتېررېس ب د ت نىڭ باش كاتىپى سالاھىيىتى بىلەن 4 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ باقمىدى. باچېلېتنى شۇ ئورۇنغا تاللىغان ئادەممۇ ئانتونىئو گۇتېررېس ئىدى. مەن ئۇنىڭ توغرا قارار چىقىرىپ، سۇنۇۋاتقان ئوبرازىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىگە قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئانتونىئو گۇتېررېس ئىرقىي قىرغىچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللايدۇ. بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئۈمىدسىزلىك. ب د ت دىن ئىبارەت بۇ قۇرۇلما نېمە ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ؟ دەل مۇشۇنداق زوراۋانلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن. ئانتونىئو گۇتېررېس ئەپەندى توغرا يۆنىلىشتە كونكرېت تەدبىرلەر بىلەن ھەرىكەت قىلمىسا، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئوبرازىمۇ باچېلېتنىڭكىگە ئوخشاش بۇلغۇنىدۇ».

ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم پورتۇگالىيەدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2022-يىلى 27-سېنتەبىر.
ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم پورتۇگالىيەدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرماقتا. 2022-يىلى 27-سېنتەبىر.
dn.pt

بۇ سۆزلەرنى روشەن ئابباس خانىم 25- ۋە 26-سېنتەبىر كۈنلىرى پورتۇگالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە تىلغا ئالغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھېكىم ئىدرىسلار 23-سېنتەبىر لوندوندىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 24-سېنتەبىردىن باشلاپ پورتۇگالىيە پايتەختى لىسسابوندا پائالىيەتلىرىنى باشلىغانىدى.

لىسسابوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلھېكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن لىسسابوندىكى ئاخبارات ساھەسىنىڭ زىيارەتلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە، 26-سېنتەبىر كۈنى لىسسابوندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ئامېرىكىنىڭ پورتۇگالىيەدىكى باش ئەلچىسى، ئامېرىكىنىڭ ئىتالىيەدىكى باش ئەلچىسى ۋە ۋاشىنگتوندىن كەلگەن بىرقىسىم دىپلوماتلار بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كونكرېت ھەرىكەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەردە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روشەن ئابباس خانىم بولسا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ پورتۇگالىيەدە ئانچە كۆپ پائالىيەتلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، بىزنىڭ پورتۇگالىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ تەرەپ تەرەپتىن مۇخبىرلار يىغىپ كېتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى سوراشتى. پورتۇگالىيەلىكلەر ئۆز دۆلىتىدىن چىققان ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنى چوڭ بىلىدىكەن ۋە ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ھازىرغا قەدەر سۈكۈت قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقان بىر شەخس ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، ئۇنى باچېلېتقا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشتىن ئاگاھلاندۇردۇم. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئىگە چىقىشنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ھېچ ئادا قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. مەتبۇئاتلار مېنىڭ ئانتونىئو گۇتېررېسگە قارىتا تەنقىدلىرىمگە ئالاھىدە قىزىقتى».

روشەن ئابباس ۋە ئابدۇلھېكىم ئىدرىسلارنىڭ لىسسابوندىكى پائالىيەتلىرى 28-سېنتەبىرگە قەدەر داۋام قىلىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇلار كۆپلىگەن تېمىلاردىكى يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن مەلۇماتلار بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.