ئالمۇتادا ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئالمۇتادىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان تەييارلىدى
2024.12.11
يېڭى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

بۇنىڭدىن تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى 2021-يىلى 1-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىتىنى رەسمىي يوسۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىغانىدى. شۇ يىلى 9-دېكابىر كۈنى بولسا، ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» كۆپلىگەن پاكىتلار ئاساسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتتى.

دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر يىلدىن كېيىن 9-دېكابىر كۈنىنى «دۇنيا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» قىلىپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 27-سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 54-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئايرىم يىغىنىدا سۆزگە چىقىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇ جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرىمۇ بۇ كۈننى خاتىرىلەشنى كۈن تەرتىپىگە قويغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىلمۇ 8-دېكابىر كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىگە جايلاشقان «قورغان» رېستورانىدا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-دېكابىر
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-دېكابىر
RFA/Oyghan

خاتىرىلەش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بىرى رەھىم مەنسۇروف ئۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاندىن ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن قۇربان بولغان شېھىتلەرگە ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىشتە ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھەمدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مەزكۇر قارارنىڭ قانداق قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-دېكابىر
ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 8-دېكابىر
RFA/Oyghan

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى گۈلپەم زوردۇنوۋا خانىم قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر خاتىرىلەش مۇراسىمىنى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بىلەن كېلىشكەن ھالدا ھەمدە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىدە ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى خەلققە يەتكۈزۈشنىڭ، مائارىپ، مەدەنىيەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۈلپەم زوردۇنوۋا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەم ئۇيغۇرلارغا بەخت ۋە مۇستەقىللىق تىلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بەختىيار سويۇزوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «راست، ھازىر ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كوممۇنىستىك خىتاينىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارغا ھەم باشقىمۇ قېرىنداش تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېلان قىلسىمۇ، بەزى مۇسۇلمان ۋە بىر قانلىق ھەم قېرىنداش تۈركىي مەملىكەتلەرنىڭ سۈكۈت ساقلاپ ياتقانلىقى مېنى ۋە باشقىمۇ قېرىنداشلارنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىز قازاقىستاندا خىتاينىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان زىيانكەشلىكىنى ياشلىرىمىزغا، كېيىنكى ئەۋلادلارغا چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر كۆپلىگەن ياشلىرىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەرد-ئەلەمنى چۈشەنمەيدۇ. بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئەنە شۇ ياشلىرىمىزنى كۆپلەپ جەلپ قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى كېلەچەكتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قىلىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېغىر جاپاسىنى خەلقئارا تەشكىلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ياشلىرىمىزنىڭ سېپىنى كۆپەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى ئوقۇتۇش كېرەك، تەربىيەلەش كېرەك».

بەختىيار سويۇزوف شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر مەملىكەتلەردىكى ئەزالىرى ياكى ۋەكىللىرىنىڭ سىياسىي ساۋاتىنى كۆتۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھەم كېلەچەكتە بۇ ئىشنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەر قانداق خاتىرە مۇراسىملىرىغا چوڭ قىزغىنلىق بىلەن قاتنىشىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىنى ساقلىغان ھالدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇنىڭغا بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دېگۈدەك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.