«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلدى
2024.12.13
The WUC Youth Committee calls for action on December 9, Uyghur Genocide Commemoration Day. Youth from around the world gathered to remind the international community to break its silence and ACT NOW against the Uyghur genocide, emphasizing that “SILENCE IS COMPLICITY”
— World Uyghur Congress (@UyghurCongress) December 9, 2024
🕊️Share… pic.twitter.com/hOOa0yWtd7
9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ياشلار كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلغان. بۇ ۋىدىيودا ئۇلار، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىر رېئاللىقتۇر. سۈكۈت قىلىش جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەيلى!» دېگەندەك شوئارلارنى ئاق قەغەزگە يېزىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەييارلانغان بۇ ۋىدىيولۇق چاقىرىقىنىڭ پىلانلىغۇچىسى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانە ئىلھام بۇ ھەقتە توختالغىنىدا، ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىدىغان بۇ ۋىدىيولۇق چاقىرىق تەييارلاش ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئاراغا تونۇتىدىغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىشتا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» 3-يىلىغا قەدەم باسقان بۇ كۈن، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەزالىرى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەردىكى سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە جايلاردا ئاق قەغەزگە يېزىلغان شوئارلارنى كۆتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق ئۇچۇر-خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئىشخانىسى خادىمى ۋە ياشلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى گۈلباھار بازاكوۋا ئىتالىيەدىن بۇ ۋىدىيولۇق چاقىرىققا قاتناشقان. ئۇ رادىيومىزغا يازما جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ خىلدىكى ۋىدىيولۇق چاقىرىقنىڭ تۈپ نىشانى ماھىيەتتە خەلقئارادا كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ جاۋابىدا مۇنداق قۇرلار كۆزگە چېلىقىدۇ:
«گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى ياكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بىلمەيدىغانلار يەنىلا كۆپ. بۇ سەۋەبلىك بىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە كىشىلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەتكۈزىدىغان بىر ئىشنى قىلىشنى، يەنى ئامال بار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قاتناشتۇرۇشنى ئويلىدۇق. شۇڭا تەبىئىي ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا مۇراجىئەت قىلدۇق ۋە بۇ ھەقتىكى ۋىدىيونىڭ قىسقا ھەم جەلپ قىلارلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىز مۇزىكىغىمۇ يېنىك مۇزىكىلارنى ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك رىتىمغا ئىگە ئالاھىدە مۇزىكىنى تاللىدۇق. چۈنكى بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا، بىز ۋىدىيونىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ‹سۈكۈت قىلىش جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتەيلى! › دېگەن شوئارىمىز ئارقىلىق كىشىلەرنى كۆز يۇمۇشقا ئەمەس، بەلكى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردۇق. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئەڭ ئاددىي ھەرىكەت بولسا، ۋىدىيونى ھەمبەھىرلەش ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتۇر.»
ئۇ يازمىسىدا يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تارقىتىشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقى، شۇ سەۋەبلىك بۇ خىلدىكى ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئارقىلىق بۇ ھەقىقەتنى كىشىلەرگە ئەسكەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز بۇ ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توقۇلما ئەمەس بەلكى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدۇق. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ساختا خەۋەرلەر ۋە خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ راست ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئالاھىدە مۇھىم. شۇڭا، بىز بۇ ۋىدىيونى ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ماشىنا ئادەم ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان جانلىق، ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، كىشىلەرگە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتۇق.»
كانادادىن بۇ ۋىدىيولۇق چاقىرىققا قاتناشقان مەھلىيا چېتىنكايا ئۆزىنىڭ د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇ يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئوينايدىغان مۇھىم رولى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى.
د ئۇ ق نىڭ خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن 2021-يىلى 9-دېكابىر كۈنى لوندوندىكى مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ھۆكۈم چىقارغانىدى. بۇ سەۋەبلىك د ئۇ ق ھەر يىلى 9-دېكابىرنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا داۋام قىلدۇرغان ۋىدىيولۇق چاقىرىقىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش» ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2021-يىلى 9-دېكابىر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، د ئۇ ق ھەر يىلى بۇ كۈننى ھەرقايسى ئەللەردە نامايىش ئۆتكۈزۈش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىش، بايانات ئېلان قىلىش، تېلېۋىزىيە-تور سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ھەم بەزى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەخسۇس سۆز قىلىشى قاتارلىق ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ پائالىيەتلەر ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەلقئارا جەمىيەتكە ئاڭلىتىش ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى ئىزدەش تىرىشچانلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ھىسابلىنىدۇ.