قەھرىمان غوجامبەردى: سوت قارارى دۇنياغا تەسىر قىلسىمۇ، لېكىن قازاقىستاننىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021-12-14
Share
qehrima-ghojamberdi.jpg مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى ۋە بارىن قانلىق پاجىئەسىنىڭ 29 يىللىقىغا بېغىشلانغان يىغىندا سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 5-ئاپرېل، ئالمۇتا.
RFA/Oyghan

خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئامېرىكا باشلىق كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە، لىتۋا قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق خۇرسەن قىلغانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭدىن تاشقىرى لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر، ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە سىياسەتشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇ جۈملىدىن بۇ قارار قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قانۇنشۇناسلىرى، پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پۇقرالىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. شۇلارنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالىي مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتنى قازاقىستاندىكى مۇخبىرىمىز ئۇيغاندىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت