ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى شىۋېيتسارىيە مەكتەپلىرىدە تونۇشتۇرۇش داۋام قىلماقتا
2024.12.19

18-ئۆكتەبىر، شىۋېيتسارىيەنىڭ زۇگ شىتاتلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەھىيە كومىتېتى ۋە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن يۇقىرى يىللىق سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتتە شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەندىلى قاراخان مەخسۇس تەييارلانغان، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا لېكسىيە بەرگەن.
بۇ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ بۇ ھەقتە ئورۇنلاشتۇرغان 4-قېتىملىق پائالىيىتى بولۇپ، شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يىللاردىن بېرى شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت، تېخنىكوم ۋە ھەر خىل ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، شىۋېيتسارىيەلىك ياشلارغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئەندىلى قاراخان ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
شىۋېيتسارىيە مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەندىلى قاراخان بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، «ياشلار كېلەچەكتە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇلار چوڭ بولغاندا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ئاپپاراتلىرىدا سىياسەتچى، دىپلومات، مۇخبىر بولىدۇ ۋە ھەر خىل خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. بىز ھازىردىن باشلاپ بۇلارغا تەشۋىقات ئېلىپ بارساق ۋە مەبلەغ سالساق كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئۈنۈمىنى چوقۇم كۆرىمىز» دەيدۇ.
شىۋېيتسارىيە مەكتەپلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپەيگەن بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئوندىن جىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيەسى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ چەت ئەللەردىكى باستۇرۇشلىرى ھەققىدە يېزىلغان. شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رىزۋانئاي ئىلھام بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ، شىۋېيتسارىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ياشلارنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ھەقتە ئەندىلى قاراخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھەر قېتىم مۇشۇنداق لېكسىيەلەر سۆزلەنگەندە بالىلارنىڭ كۆپى دۇنيادا بۇنداق بىر ئىشنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالىدىكەن ۋە بۇنى توختىتىش ئۈچۈن بىز سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز دېگەن سوئالنى ئەڭ كۆپ سورايدىكەن.
شىۋېيتسارىيە گەرچە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ئەڭ ئاز دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىنىڭ بۇ دۆلەتتە بولۇشىدەك ئەۋزەللىكى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جەنۋەگە كېلىدىغان ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ۋە ئاكتىپلارغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ھەر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ياكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان ۋاقىتلاردا نامايىشلارنى تەشكىللەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنى قوللاپ ھەمدەم بولۇپ كەلمەكتە.