4-يانۋار خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» ۋە «خەلق تورى» سەھىپىلىرىدە «جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك يولدا ئورتاق يۈرەيلى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان.
خەۋەردە مىسىر، سۈرىيە، ئىران، تۈركىيە، پەلەستىن ۋە يەمەندىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە چوقۇنىدىغان بىر قىسىم پارتىيە-گورۇھلارغا مەنسۇپ بولغان ئەرەب ھەم تۈركلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا چاپان يېپىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن.
«جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك يولىدا ئورتاق يۈرەيلى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى يېقىندا «مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى»، «مىسىر سوتسىيالىستلار پارتىيەسى»، «سۈرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى»، «تۈركىيە ۋەتەن سۆيۈش پارتىيەسى»، «ئىران ئىسلام بىرلىكى پارتىيەسى»، «يەمەن قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى» ۋە «پەلەستىن مىللىي فرونتى» قاتارلىق پارتىيە-گورۇھلارنىڭ رەھبەرلىرىنى بېيجىڭغا چاقىرىپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» توغرىسىدا دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئۇلار «جۇڭگونىڭ ئادىل مەيدانىنى قوللاپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› گە ئورتاق قارشى تۇرۇش كېلىشىمى» گە ئىمزا قويغان.
دىققەتنى بەكرەك تارتىدىغىنى، يۇقىرىقى پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە زادى قانچىلىك ئېتىبارىنىڭ، تەسىرىنىڭ بار-يوقلۇقى، بۇ كېلىشىمنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى بۇ «مۇسۇلمان شېرىكلىرى» نىڭ زۇۋانى بىلەن نىقاپلاشقىمۇ سەل قارىمىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر تەشۋىقات ھەركىتىىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بولغان. بۇ قاراشنى تەكىتلىگەن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
خەۋەردە بۇ پارتىيە-گورۇھلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» ئاقلىنىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى قارىلانغان. «مىسىر كوممۇنىستىك پارتىيەسى» نىڭ باش سېكرېتارى سالاھ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن تېخنىكا كۈچى، ئومۇمىي مىللىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، يەرشارى تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكى ۋە يەرشارىۋىي تەسىرىنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق نىقابى ئاستىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگونى قارىلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. ئامېرىكا ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يامان غەرەزدە تۆھمەتلەر قىلماقتا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلماقتا».
«سۈرىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى» نىڭ باش سېكرېتارى خالىد مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قارا داغلار بىلەن تولغان، جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئېغىز ئېچىشقا سالاھىيىتى ھەرگىز توشمايدۇ. بىز باشتىن ئاخىرى جۇڭگونى ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ گۈزەل كېلىچەكىنى ياراتقۇچى مۇھىم كۈچ دەپ قارايمىز».
«تۈركىيە ۋەتەن سۆيۈش پارتىيەسى» نىڭ رەئىسى پىرەنچىك مۇنداق دېگەن: «مەن شەخسەن ئۆزۈم شىنجاڭنى 5 قېتىم زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا شىنجاڭدىكى غايەت زور تەرەققىيات ۋە شىنجاڭ خەلقى بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەقىقىي بەختىيارلىق توغرىسىدا ئەمەلىي تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› پەقەتلا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش يولىدا خىزمەت قىلىدۇ، بۇ ئاقىۋەت ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيان سالىدۇ ۋە ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ».
«ئىران ئىسلام بىرلىكى پارتىيەسى» نىڭ باش سېكرېتارى بادامزىيان مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، ئىرقىي كەمسىتىش جەھەتلەردە نامى مەشھۇر. ئامېرىكىنىڭ قانچە يۈز يىللىق قارا قۇللارنى سېتىش ۋە خورلاش، ئىندىيانلارنى ئېزىش تارىخى بار. ھازىرمۇ ئۇلاردا ئادەم ئەتكەسچىلىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك، بالا ئىشچىلارنى ئىشلىتىش داۋاملاشماقتا. ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇققا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلسە، نېمە ئۈچۈن ‹ئىندىئانلار مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى سەھنىگە ئېلىپ چىقمايدۇ؟ دۇنيادىكى ئادالەتلىك دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ قەبىھ مۇددىئاسى ۋە ئىدىئوملىرىنى بەش قولدەك بىلىدۇ».
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدېن ئەپەندى مەزكۇر مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى پارتىيەلەرنىڭ خىتاينى قوللاش مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى پارچە پۇرات تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى يۈزلىمىچى سىياسەت قوللىنىپ، چەت´ئەلدىكى مۇسۇلمانلارغا بىرخىل، ئۆز ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا بىر خىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«جۇڭگونىڭ ھەققانىي مەيدانىنى قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىك يولىدا ئورتاق يۈرەيلى» ناملىق خەۋەردە يەنە «پەلەستىن مىللىي فرونتى» نىڭ باش سېكرېتارى ماجدالانى، «مىسىر سوتسىيالىستلار پارتىيەسى» نىڭ باش سېكرېتارى شابان، «يەمەن قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتى» نىڭ رەئىسى باكارى قاتارلىقلارنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى مەدھىيەلەيدىغان، ئامېرىكانى ئەيىبلەيدىغان، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى» گە چاپان ياپىدىغان ئىبارىلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن.