بۈلەنت يىلدىرىم: «ئىسلام دۇنياسى بۈگۈنكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇربان قىلدى»

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ رەئىسى بۇلەنت يىلدىرىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىۋاتقان ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇربان قىلىندى»، دېدى.

«ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا، -4ئىيۇل كۈنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» دېگەن تېمىدا بايانات ئېلان قىلىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم، «ئۆزگۈردەر جەمئىيىتى» رەئىسى رىزۋان قايا، «مەزلۇملار جەمئىيىتى» ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئالىي ئۆنەر، «خەلقئارالىق مۇساپىرلار ھەق-ھوقۇقلىرى جەمئىيىتى» مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم ئەرگىن، «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ تارمىقى بولغان «ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇرانت ئۇيغۇر نۇرىددىن ئىزباسار قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلدى.

يىغىندا دەسلەپتە سۆزگە چىققان «ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ رەئىسى بۈلەنت يىلدىرىم ئەپەندى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان دۆلەت ۋە شەخسلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە، خىتاينىڭ ئېمبارگوسى سەۋەبىدىن ئاۋازىمىزنى يېتەرلىك ئاڭلىتالمايمىز»، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى بۈگۈنكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قۇربان قىلدى. ئەمما قۇربان قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق يېقىن كەلگۈسىدە پۈتكۈل جۇغراپىيەمىز ئوخشاش پاجىئەگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتقا ئاخباراتلىرىمىز جىددىي ئەھمىيەت بەرسە ۋە خىتاينىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىمىسا ياخشى تەسىرى بولىدۇ. خىتاي بەزى دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي مەنبە ئايرىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان جۇغراپىيەلىك جاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق».

«شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا كۆز يۇمۇلىۋاتىدۇ»

يىغىندا سۆز قىلغان «مەزلۇملار جەمئىيىتى» ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ئالىي ئۆنەر ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ۋە ھەر كۈنى بارغانسېرى ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا كۆز يۇمۇلىۋاتىدۇ. ئاياللار ۋە ئۆسمۈر بالىلار ئائىلىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بىر رايون توغرىسىدا توختىلىۋاتىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ مەسىلىگە ئاخباراتلارمۇ سەل قاراۋاتىدۇ. كۆپلىگەن ئىسلام جۇغراپىيەسىدىكى جايلاردا زۇلۇم بار، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ھەممىسىدىن ئارتۇق»، دېدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان «ئۆزگۈر دەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رىزۋان قايا ئەپەندى: «ئۇ يەردە ئوچۇق-ئاشكارا بىر شەكىلدە ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر، بۇنىڭغا قارىتا دۆلەتلەر ئىقتىسادىي پايدا-مەنپەئەت تۈپەيلىدىن گەپ قىلالماس، تىلسىز بولۇۋېلىشتى. بۇ مەسىلىدە ۋىجدان ئىگىلىرى تېخىمۇ كۆپ رول ئوينىشى كېرەك. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نارازىلىقلار، ئازراق بولسىمۇ دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بولسا بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇملارغا ئىگە چىقىپ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت».

ئۇنىڭدىن كېيىن يىغىندا سۆز قىلغان «خەلقئارالىق مۇساپىرلار ھەق-ھوقۇقلىرى جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىبراھىم ئەرگىن مۇنداق دېدى: «ۋىجدان ئىگىسى بولغان ھەر بىر ئىنسان زوراۋان خىتاي ھاكىمىيىتىنى قەلبىدە جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. بۇ نارازىلىقىمىزنى بايقۇتقا ئايلاندۇرغان شەكىلدە ھاياتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىگە ئومۇملاشتۇرۇشىمىز لازىم».

«ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى» نىڭ تارمىقى بولغان «ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇرانت ئۇيغۇر نۇرىددىن ئىزباسار سۆز قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېتىلگەن قىزلىرىمىز ئىچكىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بەزىلىرى ئاياغ ئاستى قىلىندى، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قەتلىئام، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇ قەتلىئامدىن كېيىن خىتاي زۇلۇمنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بۇ زۇلۇم داۋام قىلىۋاتىدۇ. 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇش بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى زۇلۇملارنىڭ دەسلەپكى ئاياغ تىۋىشلىرى ئىدى»، دېدى.

بىز ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تارىخچى-دوكتۇرانت نۇرىددىن ئىز-باسار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

نۇرىددىن ئىز باسار ئەپەندى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن باشلاپ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامى يۈز بەرگەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ ئالدامچىلىقى، ھىيلە-نەيرەڭلىرى، سىياسىي رەڭۋازلىقلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالداپ كەلگەنلىكىنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئوپئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قەتئىي بىر شەكىلدە شەرقىي تۈركىستاندا بىرگە ياشىيالمايدىغانلىقى 5-ئىيۇل قەتلىئامى ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.