ئاكت تېلېۋىزىيەسى: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-01-11
Share
ئاكت تېلېۋىزىيەسى: «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟» تۈركىيەدىكى «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقاتقان پروگراممىسى. 2021-يىلى 10-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى «ئاكت تېلېۋىزىيەسى» ئارقا-ئارقىدىن تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەپ ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە بۇنى ھەل قىلىش يوللىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان 10-يانۋار كۈنى ئاخشام سائەت 9 دىن كېچە سائەت 1 گىچە داۋاملاشقان «ۋىزيون» ناملىق پروگراممىدا ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا مەدەنىيەتلەر ئارا ھەمكارلىق ۋە مائارىپ ۋەخپى رەئىسى، تۈركىيەنىڭ سابىق باشمىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ سابىق باش مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قورقماز ئەپەندى، خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋاخاپ ئەكىنجى ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى رەئىسى مەخمۇت بىيىقلى ئەپەندى، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىسى رامازان ئاققىر ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىملار بىرلىكى رەئىسى ئاتائۇللا شاھيار ئەپەندىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيەسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ قاتارلىق تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

نەق مەيداندىن تارقىتىلغان پروگراممىدا ماخمۇت بىيىقلى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەنى بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ لىدېرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بەك ياخشى بىز سۆزى بار. ‹بىز تۈركىيەگە زىيان سېلىپ قويمايلى دەپ دەردىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتىمىزكى، تۈركىيەگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمايمىز›، شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەلىكلەردىن بەكرەك تۈركىيەنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا پۇقرالىق بېرىشى، تۈركىيە پۇقراسى تۇرۇقلۇق خىتاي لاگېرىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك» .

ماخمۇت بىيىقلى ئەپەندى تۈركىيەدە بەزى ئاممىۋى تەشكىلات ۋە كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىگە چىقساق ‹تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىگە زىيان بېرىدۇ› دەپ قارايدىغانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىغا بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ، ھۆكۈمەت قوللاۋاتقان 4-5 ئاممىۋى تەشكىلاتقا تېلېفون قىلدىم. ‹سىلەر كونسۇلخانا ئالدىغا بېرىپ، ئۇيغۇر ياشلارنى قوللاڭلار› دېدىم. ئۇلار ماڭا ‹ھازىرقى ۋەزىيەت بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ› دېدى. بۇ مەسىلىدە بۇنداق ئاددىي ئويلىماسلىق كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتكە بېقىنماسلىقى كېرەك، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزۈش بولۇشى كېرەك. تۈركىيەدە مىڭلىغان لاگېر قۇربانلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى قىلىۋاتىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا، ھېچقانداق ئالاقە قۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمامدۇ؟».

سابىق باشمىنىستىر مەسلىھەتچىسى ئۆمەر قورقماز ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توختامنامىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن تېخى پارلامېنتتا ماقۇللۇقتىن ئۆتمىدى. ئەگەر ئەتە-ئۆگۈن ماقۇللۇقتىن ئۆتسە، ھەتتا ھازىرمۇ باشقا بىر ئىشتىن گۇمانلىنىپ ساقچىلار مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تۇتۇپ كەتسە، كىشىلەر دەرھال ‹ھەئە خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئىجرا قىلىنىۋېتىپتۇ› دەپ ئويلايدۇ. بۇنىڭدا ھۆكۈمەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بەدەل تۆلەيدۇ. شۇڭا بۇنداق بىر قانۇن تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەرگىز ماقۇللانماسلىقى كېرەك. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزۈش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇ كېلىشىمنى ماقۇللىمايمۇ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋەرگىلى بولىدۇ، ئەگەر ماقۇللاپ قالسا خەلق ھۆكۈمەتكە بەدەل تۆلىتىدۇ».

ئۆمەر قورقماز ئەپەندى تۈركىيەدە قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە كەلسۇن، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، لېكىن باشقا بىر دۆلەتكە يوللىۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «تۈركىيەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بولسۇن، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولسۇن، ھېچقانداق ھۆكۈمەت تۈركىيەگە پاناھلانغان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. باشقا بىر دۆلەتكە يوللىۋېتىشى مۇمكىن، ‹تۈركىيەدىن چىقىپ كەت› دېيىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى ماقۇللاپ قالسا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە يامان ئۆرنەك بولۇپ قالىدۇ، باشقا دۆلەتلەرمۇ تۈركىيە قول قويغان يەردە بىز قول قويساق بىرنەرسە بولمايدۇ دېيىشى مۇمكىن، شۇڭا تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ياخشى ئويلاپ ئىش قىلىشى كېرەك».

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى بىرلىكىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە شۆبىلىرى ۋە ئەزالىرى بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى مۇسۇلمان دۆلەتلەردە ئاڭلىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالىملار بىرلىكىنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە شۆبىلىرى ۋە ئەزالىرى بار. مەن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتى مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئاكتىپ ھالدا ئاڭلىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن».

دوتسېنت دوكتور رامازان ئاققىر ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بېقىنىپ قالغانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تەشكىلاتلىرىدەك ئىشلەۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. ئەپسۇسكى ھازىرقى ھۆكۈمەت ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھۆكۈمەتكە بېقىندى ھالەتكە ئەكېلىپ قويدى. بىزنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئېغزىغا قارايدۇ. ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك».

«ئاكت ت ۋ» دا پروگرامما رىياسەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم پروگرامما ئىشلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر سىياسىتىنى، بولۇپمۇ لاگېر قۇربانلىرىنى تېلېۋىزىيەلەرگە چىقىرىپ گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئاكت ت ۋ سىنىڭ ۋىزيون پروگراممىسىدا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمانلار ھەققىدە پائالىيەتلىرى بارمۇ؟ نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنى ت ۋ گە چىقاردىم. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە قانداق ئاڭلىتىش توغرىسىدا ناھايىتى قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».

تونۇلغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا 20 پارچە ماقالە يازغان، 17 قېتىم مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت