تۈركىيەدە بۇ يىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتلاندى
2024.08.20
16-ئاۋغۇست كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى ھەم شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا بۇ يىل تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىمدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن، ماگىستىرلىق ماقالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار تەقدىرنامە ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزى مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغان بىلىملىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئالىمجان سابىرلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسىگە تىزىملاتقانلاردىن، دوكتور ئۇنۋانى ئالغان 1 ئوقۇغۇچى، ماگىستىر ئۇنۋانى ئالغان 16 ئوقۇغۇچى، باكلاۋۇرلۇق پۈتتۈرگەن 12 ئوقۇغۇچى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان 10 ئوقۇغۇچى بولۇپ جەمئىي 49 نەپەر ئوقۇغۇچى تەقدىرنامە ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ۋە ياكى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ياخشى ئوقۇشى ئۈچۈن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاراخانىيلار دەۋردە بىلىملىك ۋە مەدەنىيەتلىك خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تارقاتقانلىقىنى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، بىراق كېيىنكى دەۋرلەردە جاھالەت ۋە تەپرىقىچىلىك قاپلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان سۆزىدە يەنە مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى بىلىملىك ئىنسان بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى گۇرۇپپا ھالدا سەھنىگە چىقىپ ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە نومۇرلار كۆرسەتتى.
مۇراسىمدا يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان، تۈركىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور جالال ئەرباي قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ، «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقى» نى تەكىتلىدى.
بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىسى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئالىمجان سابىرلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر قىسمى تۈركىيەنىڭ كادىرلىق ئىمتىھانىغا كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ كەسىپلىرى بويىچە خىزمەتكە ئورۇنلاشماقتا ئىكەن. بۇلاردىن بىرى زىكرۇللا ئالىم ئىسىملىك ئۇيغۇر ياش بولۇپ، بىز پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن زىكرۇللا ئالىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
زىكرۇللا ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئىلگىرى قاھرامانماراش سۈتچىئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋۇرلۇق ئالغاندىن كېيىن كۇتاھيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىسلام مەزھەپلىرى تارىخى بۆلۈمىدە ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنىكەن. ئۇ يېقىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئىمتىھانغا كىرىپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى ياخشى ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ۋە يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش دېگەندەك ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىدى.
زىكرۇللا ئالىم يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر تۇتاش كادىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتىكەن.