ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ژۇرنالىستلار يىغىلىشىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك توغرا مەنبەدىن ئۇچۇر ئېلىش تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

21-سېنتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» بىلەن «ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبىرى» (İletişim Platformu) نامدىكى تەشكىلاتنىڭ ئورتاق ساھىبخانىلىقىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىلىشتا خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىك، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك توغرا مەنبەدىن ئۇچۇر ئېلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

يىغىلىشقا ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT)، «تۈركىيە گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن كەلگەن 40 تىن ئارتۇق تۈرك ۋە ئەرەب ژۇرنالىستى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار قاتناشتى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىندا ئالدى بىلەن «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى. ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاخباراتلاردا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن تۈرك ژۇرنالىستلار بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى لازىم» دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ژۇرنالىستلارنى خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىككە، بۇ ھەقتە توغرا ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئۇچۇر ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى» نىڭ بۇ ھەقتە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خۇسۇسەن غەرب ئەللىرىدە جىددىي بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەلۋەتتە تۈركىيەدە 85 مىليون كىشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھەم مىللىي مەدەنىيەت، ھەم ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بىز، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئۈممەتنىڭ بىر مەسىلىسى دەپ قارىلىشىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىسىگە بىر قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ئەھمىيەت بېرىشىنى خالايمىز. ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە پەقەت ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ياكى تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى خالايمىز».

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا تۈرك ژۇرنالىستلارغا خىتاب قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا غەرب ئەللىرىنىڭ ئىگە چىقىشى سەۋەبىدىن (تۈرك ژۇرنالىستلار بەزى تەتۈر تەشۋىقاتقا ئىشىنىپ) ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق دەپ قارىماسلىق كېرەك» دېدى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا «ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبىرى» (İletişim Platformu) نىڭ رەئىسى يۈسۈپ زىيا چاتاكلى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىدا «ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبىرى» (İletişim Platformu) نىڭ رەئىسى يۈسۈپ زىيا چاتاكلى سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىندا سۆز قىلغان «ئۇچۇر-ئالاقە مۇنبىرى» (İletişim Platformu) نىڭ رەئىسى يۈسۈپ زىيا چاتاكلى ھازىر پەلەستىننىڭ چۇقانلىرى دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «شەرقىي تۈركىستان نۆۋەتتە ئۆز ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالماي خىتايدىن ئىبارەت كۆپ سانلىق نوپۇسنىڭ تەسىرى ئاستىدا يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا ھېچ كىم قۇلاق سالمايدۇ، يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، ئىشغالىيەتتىن بۇيان مىليونلىغان ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىراق بۇ ئەھۋالنى كۆپىنچە ئىنسانلار بىلمەيدۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قىسمى بىلمەيدۇ، چۈنكى ئوتتۇرىدا كۈچلەنگەن خىتاي بار. خىتاي تۈركىيەدىن ژۇرنالىستلارنى خالىغانچە ئاپىرىپ ئۆزى ئالدىن بەلگىلىگەن ياسالما يەرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دەردىنى ئاڭلىتالمايدۇ، ياكى ئاڭلىغۇچىلار بۇ مەسىلىدىن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بىز ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاخباراتلاردا ئاڭلىتىشىمىز مۇھىم» .

«شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر-ئاخبارات جەمئىيىتى» نىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى، دىكتور مۇھەممەد ئېلى ئاتايۇرت يىغىندا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىدە پىكىر ئەركىنلىكى، جۈملىدىن ئاخبارات ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنىڭ زادىلا يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدىغان تولۇق مۇستەقىل بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بولماسلىقىنى تىلغا ئېلىپ «دەل مۇشۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھازىرقىدەك ئىگە چاقىسىز ۋە ئېغىر ۋەزىيەتتە قېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىن ئاخىرىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى فەيزا پىنار قىلىنچ خانىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ «بىز شۇنداقتىمۇ تىرىشىپ-تىرمىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىقتۇق» دېدى ۋە يېڭىدىن نەشر قىلىنغان دوكلاتنى ژۇرنالىستلارغا تەقدىم قىلدى.

«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلغۇچى ژۇرنالىستلار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى قانداق يىغىش ۋە قايسى مەنبەلەرگە تايىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئاللارغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. يىغىنغا قاتناشقۇچى ژۇرنالىستلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلىشتا «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر-ئاخبارات جەمئىيىتى» بىلەن ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

«خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ ساختا ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلىش، تۈرك ۋە ئەرەب ژۇرنالىستلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە توغرا چۈشەنچە بېرىش، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئاخباراتلاردا كۈن تەرتىپكە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ مەقسەتلەرنىڭ يەنە بىرى ژۇرنالىستلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى توغرا ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشتە «خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» نى ۋاسىتە قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا يېتەكلەش بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «مەقسەت ھاسىل بولدى» دېدى.