1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر خىتاي كومپارتىيەسى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ شۇ يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 75-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ ئىشغالىيەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
بۇ نامايىش خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى، خۇجا ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپىسى قاتارلىق كۆپ ساندىكى تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى ھەم بىر قىسىم تۈرك مەسئۇللار، ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» ، دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا نۇتۇق سۆزلەنگەن بولۇپ، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى قاتارلىق بىر قانچە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ھەم زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئالدى.
نامايىش جەريانىدا يەنە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستان 75 يىلدىن بۇيان ئىشغال ئاستىدا» تېمىسىدىكى باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن 1949-يىلى ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىش بىرگە مۇنداق تەكىتلىدى: «خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىشغالىيەت، سۈمۈرگۈچىلىك ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى يەنە بىر قېتىم نەپرەت بىلدۈرىمىز. چېكىدىن ئېشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا لەنەت بىلدۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان مۇستەھكەم ئىرادىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئىشغالىيەتكە بولغان قارشىلىقىمىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. شەرقىي تۈركىستان ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيانقى ئەركىن ۋە مۇستەقىل زېمىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن. بۇ قەدىمىي جۇغراپىيەلىك رايون نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تۈرك مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، خىتايلار ئەزەلدىن بۇ رايوندا مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تىكلىيەلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن مۇقەددەس ۋەتىنى سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ» .
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، خىتاي دۆلەت بايرىمى دەپ ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ماتەم كۈنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «1949-يىلى ئۆكتەبىر ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭقۇر بىر ماتەم ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۇيغۇرلار نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى بېسىملاردىن سىرت يەنە يېقىندىن بۇيان ئۇچۇق ئاشكارا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە دۇچ كەلمەكتە».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ۋە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى مەسئۇلىيىتى. دۇنيا جامائىتى بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانلار ئاۋاز چىقىرىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىر ھەل قىلىش-چارە مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقى ئەركىنلىك، ئادالەت، ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەت كۈرىشىدە يالغۇز قالماسلىقنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىشنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ جىددىي ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى خالايدۇ».
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتلەر، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نىداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا قارشى تۇرۇشى كېرەك» .
نامايىش جەريانىدا يەنە تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر، جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان قاتارلىقلا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقى ئەيىبلىدى ۋە ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسى ۋە پۈتكۈل دۇنيا جامائىتىنى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىشغالىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
