ئىستانبۇلدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.11.15
istanbul-jumhuriyet-kuni-01 ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

12-نويابىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

خاتىرىلەش يىغىنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى سۆز قىلىپ، تارىختىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، شۇنداقلا مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان بارلىق ۋەتەن شېھىتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەۋاتىمىز، خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسى ئوتىنىڭ ھېچبىر زامان ئۆچمەيدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر».

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ۋەتەن ئىچىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئىززەت-ئابرۇيىمىزنى قوغداپ قېلىش، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ئىرقىي جەھەتتىن تامامەن يوقىلىپ كەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىن بىر چارە شۇكى، ئۇ بولسىمۇ مۇستەقىللىقتۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى يولىدىكى ئىرادىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ھەممەيلەننى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئاتىلىرىمىز مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ، ئاخىرى مۇستەقىل بىر دۆلىتى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە تەقدىم قىلدى. بۈگۈن بىزنىڭ روھىمىزدا ياشاۋاتقان مۇستەقىللىق ئىدىيەسى دەل ئاشۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان ھۆرلۈك، ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز ئۆزىمىزگە خوجا بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس روھنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئەلۋەتتە، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە، قەلبىمىزدە قۇتۇلۇشقا بولغان تولۇق ئىشەنچنى بەرپا قىلىشىمىز، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ۋەتىنىمىزدە قۇرۇپ چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى قەلبىمىزدە قورۇشىمىز كېرەك».

يىغىندا سۆز قىلغان زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى ئۆمەر ئارىسوي ئەپەندى، يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سىلەر بىلەن بىللە بولغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇش يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ھەممىمىز بىلىمىز، ۋەتەن دەۋاسى مۇقەددەس دەۋادۇر، بۇ دەۋا يولىدا تىرىشىۋاتقانلارغا ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن، مەن يەنە بىر قېتىم شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن، ھەممىڭلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن».

ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

يىغىندا سۆز قىلغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى، پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى پەقەت ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭلا دەۋاسى ئەمەستۇر. ھېچ شۈبھە يوقكى، بۇ دەۋا يەنە ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ۋە شۇنداقلا ئاناتولىيە تۈركلىرىنىڭ دەۋاسىدۇر. ئۆزىنى مۇسۇلمان تۈرك دەپ ھېسابلىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ دەۋاسىدۇر» .

جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىز يىقىلىپ، ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنغىنىغا 91 يىل بولدى. ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان خىتايلار 91 يىلدىن بۇيان خەلقىمىزگە ئېغىر زۇلۇم سېلىپ بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا ئۆيلىرىمىزگىچە بېسىپ كىرىپ ئورۇنلاشتى. ھالبۇكى، خىتاي بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىمىزنى ھەرگىز يوق قىلالمىدى، چۈنكى خىتايلار ئۆيلىرىمىزگىچە بېسىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ روھىمىزنى ۋە قەلبىمىزنى ئىشغال قىلالمىدى. خىتاي بىزنىڭ ھەممە نەرسىلىرىمىزنى تارتىۋالالىشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ مۇستەقىللىق روھىمىزنى ۋە ئىمانىمىزنى ھەرگىزمۇ تارتىۋالالمايدۇ. بىزنىڭ ھامان بىر كۈنى چوقۇم مۇستەقىل دۆلەت قۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر».

ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 12-نويابىر، ئىستانبۇل
RFA/Arslan

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا مۇنداق دېدى: «ئەجدادلىرىمىز 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنى قۇردى، بىراق بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى قولىمىزدا تۇتالمىدۇق، ۋەتىنىمىز يەنە ئاسارەت ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. 1949-يىلىدىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە خەلقىمىز ۋە چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىزلەر، شۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى خاتىرىلەپ، ئۈچىنچىسىنى چوقۇم قۇرىمىز دەپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىز ھەممىمىز ۋەتىنىمىز چوقۇم بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ۋەتىنىمىزدە جەۋلان قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىشىمىز لازىم».

خاتىرىلەش يىغىندا ئۇيغۇر ياشلىرى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى تەسۋىرلەنگەن تىياتىرنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇر ياشلىرى يەنە مۇستەقىللىق ۋە ئويغىنىش توغرىسىدا تەييارلاپ كەلگەن شېئىرلىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىش بىلەن يىغىن ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.