ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلى يوقىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن جىددىي ئەھمىيەت بېرىلمەكتە.

8-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل مەكتىپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قارمىقىدىكى زەيتىنبۇرنۇ ئاتا تىل ۋە مەدەنىيەت مەكتىپىدە يازلىق تەتىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى ئايلىق مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ۋە قۇرئان ئۆگىنىش سىنىپى ئېچىلغان ئىدى.

يېقىندا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن بۈگۈن مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قىزلارغا تاج كىيدۈرۈلدى، ئوغۇللارغا مېدال ئېسىلدى. ئوقۇغۇچىلارغا يەنە مۇكاپات سۈپىتىدە ھەر خىل ماددىي بۇيۇملار تارقىتىپ بېرىلدى.

مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئورۇنداش دېگەندەك ھەر خىل نومۇرلار كۆرسەتتى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش سۆز قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر مەكتىپىگە بەرگەن ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارغا رەھمەت ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى ئايلىق ئوقۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە «ئىستىقلال» تور تېلېۋىزىيەسى تەييارلىغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىم جەريانىدا جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، بالىلار ۋە ياشلارنىڭ ۋەتەننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.