بىرلىك-باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ۋاسىتە بولىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىپتارلىشىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، 16-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەركىزىدە ئىپتارلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىستانبۇل شۆبە مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلغان ئىراق تۈركمەن فىرونتى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە ۋەكىلى قۇتلۇقخان يايچىلى ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز زالىمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز، تۈركمەن ئېلى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسى نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاق بولسىمۇ بىزنىڭ كۈرىشىمىز ھەق-ھوقۇق، ئادالەت كۈرىشىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزئارا بىر-بىرىمىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىز، بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پۈتۈن ئازاب ئوقۇبەتلەر سىلەرگە ئوخشاشلا بىزنى، تۈركمەن ئېلىنى ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى ئازابلاۋاتىدۇ، بىزنىڭ كۈرىشىمىز بىزنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىز سىلەرنىڭ يۈرەكلىرىڭلارنىمۇ ئازابلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، 21-ئەسىر تۈرك دەۋرى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇ سەۋەبتىن بىز ھەممىمىز تۈرك دۇنياسىنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكىگە شاھىت بولىمىز، بۇنىڭغا ئاز بولسىمۇ ھەسسە قوشالىساق ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىمىز» .

بىز بۇ بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئىلھان تۇرانلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەلچىخانىسى دەپ قارىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىغا كۆپ ساندا مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى ۋە بىرلىك-باراۋەرلىك قېرىنداشلىق تۇيغۇسى ئىچىدە ئىپتارلاشتۇق، بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەر بىر تەرەپتىن كۆڭلىمىزگە ئۈمىدۋارلىق، ھاياجانلىق ۋە خۇشاللىق بېغىشلىغان بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلىمىز يېرىم بولدى، خۇشال بولغان تەرەپ بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەلچىخانىسى دەپ قارالغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ مەركىزىدە كۆپلىگەن ئىنسانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ خۇددى خىتايغا بىر مۇشت كۆرسەتكەندەك بىرلىك-باراۋەرلىك ئىچىدە ئىپتار قىلىشىمىز ۋە ئۇ ئىپتاردا رامىزان ئېيىنىڭ پەيزىنى سۈرگەنلىكىمىز بىزنى خۇشال قىلدى. كۆڭلىمىزنىڭ يېرىم بولغان تەرەپ بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رامىزاندا چەكلىمىگە ئۇچراپ روزا تۇتالماسلىقى، ئىسلامىي ئىبادەتلەرنى ئادا قىلالماسلىقى، پەقەت مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرەپتىن ھەر خىل ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا قىيىن-قىستاق، ئىسكەنجىگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئويلاپ كۆڭلىمىز يېرىم بولىدۇ» .

بىز يەنە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ھازىرقى باش كاتىپى دوكتور مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور مۇھىتتىنجان ئۇيغۇر بۇ ئىپتار پىروگراممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر يىلى رامىزاندا ئىپتار پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ھەمشەھەرلەر بولسۇن ياكى يەرلىك تەشكىلاتلار ۋە يەرلىك خەلقىمىز بولسۇن ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، دوستلۇق، قېرىنداشلىق مۇھەببىتىمىزنى، رىشتىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە كەڭ كۆلەملىك ئىپتار پىروگراممىسى ئورۇنلاشتۇردۇق، ۋەتىنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ روزا تۇتۇشىنى، ئىبادەت قىلىشىنى چەكلەۋاتىدۇ، بۇ ئىپتار پىروگراممىسى ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنى يەرلىك خەلققە ئاڭلاتقان بولدۇق، بۇ پىروگرامما ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى».