ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى «ئىيى» پارتىيەسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى «ئىيى» پارتىيەسى رەئىسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن ھېكمەت ئوجاقلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە قانداق ئاڭلىتىش، بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە ئاخىرىدا ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆز مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش، تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ توغرىلىق قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

15-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئېلى قەشقىرى ۋە مۇھەببەت قاسىموۋا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، مەزكۇر دەۋانىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن ھېكمەت ئوجاقلى ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بولۇپمۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا تۈركىيە پارلامېنتىدا قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ دەردى بىزنىڭمۇ دەردىمىز، شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىمىز. بىزمۇ ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەدە ھەر دائىم ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىدۇر. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدۇق. ھەر قايسى تېلېۋىزىيەلەردە سۆزلەپ خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردۇق. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسى، قاراباغ مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى بىر يارا. بۇ يارىلارنى ساقايتىش، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تارتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز، بولۇپمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە قارار ماقۇللىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز».

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا «ئىيى» پارتىيەسىدى تۈلاي ئايدىن خانىم ئادەتتە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلار، ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچار بولۇۋاتقان تراگېدىيەنىمۇ ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر دائىم ئۇيغۇرلارنى قوللايمىز. بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويايلى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز. قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلار پارتىيەمىز بىلەن ئالاقە ئورناتسا بولىدۇ».

«ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 6 مۇتەخەسسىس «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلىغانىدى. مەزكۇر دوكلاتتا، گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىغا ئاساسلىنىپ، شۇنداقلا ب د ت دا قوبۇل قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دە كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ، خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرى دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.