تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن مەينەت قولىنى تارتمىغۇچە بۇ دەۋادىن ھەرگىز يانمايمىز»
2021.04.07
تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىدى. بۇ ۋەقە تۈركىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەر خىتاي ئەلچىسىنى تۈركىيەنىڭ ھەيدەپ چىقىرىۋېتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۈگۈن 7-ئاپرېل كۈنى مەرال ئاكشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدا پارتىيەسىنىڭ يىغىنىدا خىتاي ئەلچىسىگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ئەلچىلىكى مەن بىلەن ئەنقەرە شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاشقا تەھدىت سالدى. خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى دوغۇ پەرىنچەكنىڭ بىزگە قارشى قىلىۋاتقان سۆزلىرى يېتەرلىك بولمىغان بولسا كېرەك، خىتاي دۆلىتى بىۋاسىتە ھەرىكەتكە ئۆتتى. نېمىشقا دېسەڭلار بىز ئۇزۇندىن بۇيان ھۆكۈمەت بىلەن ئۇنىڭ كىچىك شېرىكى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانلىق تراگېدىيەسى ئالدىدا قاراپ تۇرمىدۇق ۋە بۇندىن كېيىنمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز».
مەرال ئاكشەنەر خانىم خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سالغان تەھدىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق شۇنى يېزىپتۇ، ‹خىتاي تەرەپ ھەرقانداق كىشى ۋە كۈچنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى چىقىدۇ ۋە بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ، خىتاي تەرەپ ھەقلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ›دەپ تەكىتلىگەن. بىزنىڭ يۇرتتا ‹بۇرادەر نوچى بولساڭ كەل، › دەيدىغان بىر گەپ بار، بىزنىڭ ئادرېسىمىز ئېنىق».
تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاكشەنەر خانىم خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئېزىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى بىزنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن مەسىلىمىز يوق. لېكىن بىز خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇش بۇرچىمىز بار. بىز كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. بىز خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپپىتىگە، ۋە مۇقەددەسلىرىگە ئۇزاتقان قولۇڭنى تارت دەۋاتىمىز. بىز خىتاي دۆلىتىگە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات دەۋاتىمىز. قېنى خىتاي بۇ دېگەنلىرىمگە قارشى چىقىپ باقسۇن كۆرۈپ باقاي.»
مەرال ئاكشەنەر خانىم ئىككى ئاي بۇرۇن مەدىنە ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنى تۈركىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنىدى. ئۇ، بۈگۈنكى سۆزىدە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاۋازىنى يەتكۈزىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ مەسىلىگە ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەم ئىنسانىي مەسىلە بولغاچقا كۆڭۈل بۆلىمىز. شۇڭا بۇ پارلامېنتتا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلاتتى. بۇ پارلامېنت ھەقىقەتنى، ئادالەتنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىدىغان جاي. تۈركىيە پارلامېنتتى مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ھەقىقەتنى ئاڭلىتىدىغان سەھنىدۇر. خىتاي بىزنى سارايدىكىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ، بىز سىلەر بىلەن قولىمىزنى ئۇرۇپ تۇرۇپ كۆرۈشمەيمىز. بىزنى بۇنداق تەھدىت سېلىپ قورقۇتالمايسىلەر. بىز بۇ مەسىلىنى بۈگۈن پارلامېنت كۈن تەرتىپىگە ئەكېلىۋاتىمىز. ئالدىمىزدىكى يىللاردا سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالساق، بەزى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىمىز».
مەرال ئاقشەنەر خانىم سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «بىز ئۇيغۇر دەۋاسىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. ئىيى خىتاي مەينەت قولۇڭنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن تارتمىغۇچە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز».
خىتاي ئەلچىلىكى تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە بەزى رەھبەرلەرگە تەھدىت سېلىشى جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بۇ قىلغىنىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركلەرنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دىپلوماتىيەلىك بىئاراملىق پەيدا بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى سۆزلەرگە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.