«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوراي ئايدىن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.05.28
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوراي ئايدىن: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر» تۈركىيە «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق مىنىستىر قوراي ئايدىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 27-ماي، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا باشتا بولۇپ بەزى غەرب دۆلەتلىرى پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن بىردەك بېكىتىلگەن بىر پەيتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىنگە ئىگە چىقىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ ھاللاردا سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا.

27-ماي كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق مىنىستىر قوراي ئايدىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئومۇمىي يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىت قىلىش بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇھىم مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «بۈيۈك تۈركىيەنىڭ ۋىجدانلىق تاشقىي سىياسىتى قەشقەردە، ئۈرۈمچىدە، تۇرپاندا شەرقىي تۈركىستانلىق مىليونلىغان بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ يوق قىلىنىشىغا، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى چىقىشى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشى كېرەك ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مىليونلىغان قېرىندىشىمىزنىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستاندىن كېلىۋتقان پەرياتقا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. مەن بىر تۈرك مىللەتچىسى ۋە سىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەردىن شۇنى سورىماقچىمەن: بىزنىڭ ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي تاشقىي سىياسىتىمىز بۇمۇ؟ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ئىگە-چاقىسىزلارنىڭ ۋەتىنى بولغان تۈركىيە بۇمۇ؟»

تۈركىيە پارلامېنتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 13 پارتىيەدىن 585 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرى تېخىچە سۈكۈتتە تۇرماقتا. قوراي ئايدىن ئەپەندى پەلەستىن مەسىلىسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالمايۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، ھاكىمەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك بولىۋاتىدۇ. دۆلەتنى ئىدارى قىلىش ئۈچۈن ئادىل ۋە پەزىلەتلىك بولۇش كېرەك. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا تىجارىي جەھەتتىن قارىغىلىمۇ بولمايدۇ. پەلەستىندە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ ئۆلگەن بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز يېرىم بولدى. بۇنىڭ جاۋابكارى بولغان ئىسرائىلىيەگە بىزمۇ لەنەت ئوقۇدۇق. لېكىن خىتاينىڭ چىدىغۇسىز زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ھۆكۈمەتكە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقمىدۇق.»

ئىگىلىشىمىزچە، كۆپ ساندىكى تۈرك پۇقراسى بولۇپ بولغان ئۇيغۇرلارمۇ لاگېرلارغا تاشلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلارمۇ كۆپ ئىكەن. بۇلاردىن بىرسى ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى قىزىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان ئۆمەر فارۇق ئەپەندىدۇر. ئۇ 6 ياشتىكى قىزى زاھىدە بىلەن 5 ياشتىكى قىزى زەرىفە ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات ئالالمىغان. «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوراي ئايدىن ئەپەندى پارلامېنتتا قىلغان سۆزىدە ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پارتىيەگە مەنسۇپ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا تاشلانغان بىرسى 6 ياشلىق، يەنە بىرسى 5 ياشلىق بولغان تۈرك پۇقراسى زاھىدە فارۇق بىلەن زەرىفە فارۇقنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ باقمىدىڭلار. ئانىسى ۋە دادىسى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرىغا تاشلانغان ئىمام ھەسەن ۋە مەمەت رەسۇللارغا ئىچىڭلار ئاغرىمامدۇ؟»

قوراي ئايدىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەھمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى، بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىزدۇر. ھۆكۈمەتكە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئەگەر قوللاشقا مۇسۇلمان ئىزدىسەڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان؛ ئەگەر تۈركلەرگە ياردەم قىلىمەن دېسەڭلار، ئۇيغۇرلار تۈركتۇر؛ ئەگەر ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىنسان ئىزدەۋاتقان بولساڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىنساندۇر. سىلەرنىڭ نەزەرىڭلەردا بۇلارنىڭ پەقەت قىممىتى يوقمۇ؟ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ‹ئىيى› پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەۋاسىدۇر.»

ئۆمەر فارۇقنىڭ يۇرتىدا قالغان ئىككى قىزىنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوراي ئايدىندىن سىرت ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ ۋە فەرىدۇن باخشى قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمۇ كۆپ قېتىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆمەر فارۇق بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تۈرك خەلقىنىڭمۇ كۆپ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيىتتى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى قوراي ئايدىننىڭ 27-چىسلا پارلامېنتتا قىلغان سۆزىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئىيى» پارتىيەسى 2018-يىلى قۇرۇلغان يىلدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ پارلامەنتقا كىرگەن ئىدى. ئۇ كۈندىن تارتىپ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا قانۇن لايىھەلىرى سۇنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.