قاغىلىقتىكى «راھەت» مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى مەمەتئېزىز ئوبۇل 20 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.11.12
urumchi-3-turme.jpg داۋانچىڭدىكى 3-نومۇرلۇق تۈرمىنىڭ دەرۋازىسى. 2021-يىلى 23-ئاپرېل.
AP

ئۇيغۇر ئېلىدا 2017‏-يىلى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئۇيغۇر سودا-كارخانىچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم ۋە تۇتقۇن ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. ئاشكارىلىنىشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدە ئۆي-مۈلۈك سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان «راھەت» مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى مەمەتئېزىز ئوبۇل 2022-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان. ئارىدىن 20 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇ تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. دەلىللىنىشىچە، مەمەتئېزىز ئوبۇل، نۆۋەتتە جازا ئۆتەۋاتقان بىر دىنىي زاتنى بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى مېھمانخانىسىدا تۇرغۇزغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

قەشقەر قاغىلىقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قاغىلىقتا «راھەت» نامىدىكى بىر مېھمانخانىنى ماڭدۇرۇۋاتقان مەمەتئېزىز ئوبۇل 2017‏-يلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئەينى چاغدا كەيپى-ساپادا بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا «دىنىي ئاشقۇنلۇق» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان مەمەتئېزىز ئوبۇل، لاگېردىكى سوئال-سوراقلار داۋامىدا بالا ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىدىن قۇرئان ساۋاتىنى چىقارغاندىن باشقا «خاتا» لىقلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، 2 يىللىق «تەربىيە» دىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ لاگېردىن چىقىپ قاغىلىقتىكى مېھمانخانىسىنى قايتىدىن ماڭدۇرۇۋاتقان چاغدا، يەنى 2022‏-يىلى 10‏-ئايدا، مېھمانخانىسى ئۇشتۇمتۇت ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان. مېھمانخانىدىكى مۇلازىمەتچىلەردىن مېھمانلارغىچە ھەممىسى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىنغان. مەمەتئېزىز ئوبۇلنىڭ ئۆزى بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ قاماقخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ يىل 50 ياشلار چامىسىدىكى مەمەتئېزىز ئوبۇلنىڭ دوستلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغان كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان.

تور ئارخىپلىرىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە، «راھەت» مېھمانخانىسى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بازار ئىچىدىكى دۆڭمەھەللىگە جايلاشقان. بىز دۆڭمەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلىپ، مەمەتئېزىز ئوبۇلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.

مەزكۇر خادىم، مەمەتئېزىز ئوبۇلنىڭ 2 يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

توردىكى سودا-كارخانىچىلارغا ئائىت بىر ئارخىپتا، «راھەت» مېھمانخانىسىنىڭ 2009‏-يىلى تىجارەت باشلىغانلىقى قەيت قىلىنغان، شۇنداقلا ئارخىپقا مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ 2011-يىلىدىن 2021-يىلىغا قەدەر يىللىق تىجارەت دوكلاتى ھۆججەتلىك ماتېرىيال شەكلىدە قىستۇرۇلغان. ئۇنىڭدا بۇ مېھمانخانىنىڭ 2022‏-يىلدىن بۇيان تىجارەت دوكلاتى تەييارلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قاغىلىق بازارلىق ساقچى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، مەمەتئېزىز ئوبۇل قولغا ئېلىنىشتىن 10 يىلچە ئاۋۋال، يەنى 2012‏-يىللىرى مېھمانخانىسىدا بىر دىنىي زاتنى ياتقۇزغان. سۇلايمان ئىسىملىك بۇ دىنىي زات 2014‏-يىلى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. مەمەتئېزىز ئوبۇل، ئەينى چاغدا مەزكۇر دىنىي زاتقا كۆرسەتكەن دوستلۇقى ۋە ئىپادىلىگەن ھۆرمىتى سەۋەبلىك «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغان. مەزكۇر ساقچى خادىمنىڭ دەلىللىشىچە، مەمەتئېزىز ئوبۇل تۇتۇلغان 20 ئايدىن بۇيان، بىرقانچە رەت ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغان، ئەمما دېلونىڭ تەپسىلاتى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئاساسى قاتلام ساقچىلىرىغا رەسمىي شەكىلدە بىلدۈرۈلمىگەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا قاغىلىقتىكى «راھەت» مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى مەمەتئېزىز ئوبۇلنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.