قامال مەزگىلىدە غايىب بولغان ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.12.20
Bextiyar-Sadir.jpg بەختىيار سادىرنىڭ ئەلكۈيى تورىدىكى شەخسىي قانىلىغا چىقىرىلغان تونۇشتۇرۇش رەسىمى، ۋاقتى مەلۇم ئەمەس.
alkuyi.com

ئۇيغۇر ئېلىدا 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ساغلاملىق ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان ساغلاملىق يېتەكچىسى بەختىيار سادىر، بۇ يىل قامال مەزگىلىدە يەنى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئەھۋالنى بايقىغان ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىنىسى ۋە ھەدىسى مۇناسىۋەتلىك قاناللىرى ئارقىلىق كۆپ ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«مەن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ساغلاملىق يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوزۇقشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بەختىيار مۇئەللىم بولىمەن. . . .» دېگەن، ئۇيغۇر ئېلىدا 10 يىلدىن بېرى ياڭراپ كېلىۋاتقان بۇ ئاۋازنىڭ ساھىبى بەختىيار سادىر، بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. بۇ غايىبلىق ئالدى بىلەن ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى سەيدىجان سادىر بىلەن مىنەۋەر سادىر تەرىپىدىن بايقالغان. ئۇلار بەخىتىيارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۈندىدارغا كىرىشتىن توختىغانلىقى ۋە شىركەت تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلانماسلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن ۋە ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان؛ ئۇلار ئۈرۈمچىدىكى تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق ئىككى ئايچە سۈرۈشتە قىلىپ باققان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

بىز بەختىيار سادىرنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باج، بازار باشقۇرۇش ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىغىمۇ تېلېفون قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ساغلاملىق ساھەسىدە خىتاينىڭ دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورگانلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ۋە لاياقەت گۇۋاھنامىلىرى بولغان بەختىيار سادىر، توردا لېكسىيە سۆزلەش، كۇرس ئېچىپ يېتەكچى تەربىيەلەش جەريانىدا جەمئىيەتتە «بەختىيار مۇئەللىم» دەپ تونۇلغان ۋە يېقىنقى يىللاردا ئۆز نامىدىكى ماركا بىلەن بازارغا مەھسۇلاتلار سالغان. ئۇ تىجارىتى ئىلگىرىلەۋاتقان 2014‏-2015‏- ۋە 2016-يىللىرى ئاۋۋال ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكىغا ساياھەتكە كەلگەن. يېقىنقى 6 يىلدىكى تۇتقۇن ھەرىكەتلىرىدە چەتئەلگە چىققان بولۇش-مۇھىم تۇتۇلۇش سەۋەبلىرىدىن بىرى بولغاچقا، سەيدىجان سادىر ۋە ھەدىسى بەختىياردىن ھەر ۋاقىت ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. ئىنىسى سەيدىجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەنسىرىگەندەك، ئۇ 2017- ۋە 2018-يىللىرى، ئۇدا ئىككى يىل نازارەت ئاستىدا ياشىغان، ماڭغان-تۇرغىنىدىن ساقچىلارغا دوكلات قىلىپ تۇرغان. بۇ قېتىم، ئۇنىڭ بىر ئايچە ئىز-دېرىكى بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ غايىبلىقنىڭ قامال مەزگىلىدە يۈز بېرىشى سەيدىجان سادىر ۋە ھەدىسىگە بىر پالاكەتچىلىكتىن يەنى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن ئېنىق شەپە بەرگەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئۈرۈمچىدىكى خوتەن يولى ساقچىخانىسى خادىمى، بەختىيار سادىرنىڭ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ مەلۇماتنى قارلىغاچ ساقچىخانىسى بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەزكۇر ساقچىخانا خادىمى، بەختىيار سادىرنىڭ تۇتۇلغان كۈنى ئۆزىنىڭمۇ نەق مەيدانغا چاقىرتىلغانلىقى، ئەمما، بەختىيارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ پەقەت ساقچى دوستلىرىدىن، بەختىيارنىڭ ئۈندىدارىدىن مەسىلە چىققانلىقى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېيىلىشىچە، بىر قولى ئاجىز بولغان بەختىيارنىڭ مېيىپلىك كىنىشكىسى بار بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ئاياش ۋە تىجارىتىنى دەخلىگە ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولۇپ كەلگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ئىككى قېرىندىشى ئۈرۈمچىدىكى دادىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى بەختىياردىن ئەمەس، جەمئىيەتتىكى دوستلىرىدىن ئۇققان. ئەمما، شۇنچە ئېھتىياتچانلىقمۇ، ئۇنى 2017-يىلدىن بۇيان كۆپ ساندا ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن تۇتۇلۇش قىسمىتىدىن ساقلاپ قالالمىغان.

مەزكۇر ساقچى خادىمى بەختىيار سادىرنىڭ ئۈندىدارىدىن چاتاق چىققانلىقىنى يوشۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت قايسى قىلمىشىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش گۇمانى قوزغىغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى.

بۇ يىل 46 ياشقا كىرگەن ۋە 3 بالىنىڭ ئاتىسى بولغان بەختىيار سادىرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ قايسى قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ۋە دېلوسىنىڭ قايسى باسقۇچتا ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.