ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ 16-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.
ئامېرىكادىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ بۈگۈنكىدەك مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان، تۈركۈم-تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان كۈنلەردە ۋاپات بولۇشىنى زور بىر يوقىتىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
جالالىدىن بەھرام بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاممىباب تىل ۋە ئۇسلۇبتا كۆپلىگەن رومان ۋە پوۋېستلارنى يازغان، ئەسەرلىرىنىڭ سېتىلىش ۋە ئوقۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان مول-ھوسۇللۇق يازغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
مەرھۇم يازغۇچى جالالىدىن بەھرام 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرچە نادىر تور بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان «شەبنەم تورى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۇ ئۆز ئىجادىيەت مۇساپىسىدە جەمئىي 16 پارچە رومان يازغانلىقىنى، ھېكايە-پوۋېست ۋە ئوبزورلاردىن 12 توپلام نەشر قىلدۇرغانلىقىنى ۋە 18 پارچە سېنارىيە يازغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق»، «كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت»، «تەكلىماكان ئوغلى»، «قارچۇغىدا قاتقان قان» قاتارلىق رومانلىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ، يۇقىرى سېتىلىش رېكورتى ياراتقان. بولۇپمۇ يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ خىتاينىڭ 10 يىللىق «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تراگېدىيىلىك ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 7 توملۇق رومانى «لېيىغان بۇلاق» ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ يازغۇچى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇ سۆزىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئېغىر ۋەزىيەتتە يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈشىدە روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بېسىملارنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە رولى بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندى بايانىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋەيران قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ ئېغىر روھىي بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، تېخى ئالدىنقى يىلى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن خوتەنلىك ياش شائىر غوجامۇھەممەتنىڭمۇ يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندى يەنە يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تۇرمۇش چىنلىقى ۋە يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئۆچمەس تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىدە تىل گۈزەللىكىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىپادىلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى ئاممىبابلىق ۋە ئاددىي ساددىلىقنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى جەلپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ جالالىدىن بەھرام ئەسەرلىرىدىن «لېيىغان بۇلاق» رومانى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ئۇ 7 قىسىملىق بۇ روماننىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغان بازارلىق رومانلاردىن بىرى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
جالالىدىن بەھرام 1942-يىلى غۇلجىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1963-يىلى ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ رەسساملىق كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوتەنگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇنىڭ ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق دەۋرى خوتەندە ئۆتكەن. ئۇ 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىدىكى خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن جىددىي تۈردە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، زور ساندىكى رومان ۋە ھېكايە-پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان.
يازغۇچى جالالىدىن بەھرام ئەينى ۋاقىتتا «شەبنەم» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ھەمدە ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ كىتابخانلار تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن.