تۈركىيە قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

0:00 / 0:00

14-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى رۇشەن ئابباسنىڭ بىۋاسىتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئېچىلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ پىغانى: جازا لاگېرلىرى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا!» تېمىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ بۇرسا، فىرانسىيەنىڭ پارىژ، ئەنگلىيە پايتەختى لوندون، شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھەرلىرىدە فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. مەزكۇر كۆرگەزمىلەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سەرسانلىقى، ھىمايىسىز قالغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن تويلىشىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگىلىرى بولغان ئۆي-ئىمارەتلەر، مەسچىتلەر ۋە تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، خىتاي ئارمىيەسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقان شۇنىڭدەك كوچىلاردا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ۋە باشقا مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپلىگەن فوتو سۈرەتلىرى قويۇلغان.

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكەن ھەپتە ئەنە شۇ خىلدىكى فوتو سۈرەتلەر

كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان 120 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» پائالىيىتىدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ كۆرگەزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىقىنىڭ بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇرسا شەھىرىدىكى مەكتەپلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە رايونلاردا بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كۆرگەزمە باشلانغاندىن تارتىپ ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، بۇرسا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى تۈركلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن كۆرگەزمە مەيدانىغا كېلىپ، فوتو سۈرەتلەرنى زور قىزىقىش ئىچىدە كۆرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ سۈرەتلەردىكى كۆرۈنۈشلەردىن ھەيرانلىق ھېس قىلسا، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە كۆرگەزمىنى تەشكىللىگۈچى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بۇ ھەقتە توختالدى.

بىز كۆرگەزمىنى كۆرگەن ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەردەم ئۆزدەمىر ئەپەندى بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دوكلات بېرىش شەكلىدىن باشقا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىقمۇ ئاڭلاتسا بولىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئەھۋاللارنى تېخىمۇ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىككى يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات بەرگۈزمەكتە. دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدىن سىرت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كونسېرت ئۇيۇشتۇرماقتا. سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانماقتا، 2 يىل ئىچىدە ياخشى ئەخلاق پەزىلىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆرنەك بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز دەۋالىرىنى مۇزىكا ۋە سەنئەت ئارقىلىقمۇ ياخشى ئاڭلاتماقتا».

بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىغا كۈچ چىقارغان ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنگۈل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تۈرك ۋە چەتئەللىكلەردىن بولۇپ 70 مىڭ ئوقۇغۇچى بارلىقىنى، رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئايلانغانلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بىر ئاۋاز بىر قەدەم» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى مۇزېي بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت يېرىگە 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئاۋسترالىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مالكوم تۇرنبالل ئەپەندى بىلەن سېناتور رەخ پاترىك ئەپەندىمۇ كېلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن. مەزكۇر پائالىيەت 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشقان. ئۇيغۇر پائالىيەتچى يۇلتۇز تېيىپجان خانىم پائالىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يەنە ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيە پايتەختى پارىژ شەھىرىدىمۇ «بىر ئاۋاز بىر قەدەم» پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. فىرانسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

«بىر ئاۋاز بىر قەدەم» فوتو سۈرەت كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدىمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە پارلامېنت ئەزالىرى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. زۇلھايات خانىم بۇ ھەقتە توختالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە داۋاملىق ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.