جو خامىلتون: «زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئەجداتلىرىمنىڭ قىسمىتى مېنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەتتى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.03.19
جو خامىلتون: «زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئەجداتلىرىمنىڭ قىسمىتى مېنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەتتى» شوتلاندىيەلىك پائالىيەتچى، مۇزىكانت جو خامىلتون ئەپەندى
Joe Hamilton

شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت جو خامىلتون ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىدۇر. 

15-مارت كۈنى جو خامىلتون ئەپەندى خىتاي لاگېردىكى ئۇيغۇرلارغا ئاتىغان «بىز تەقدىرداش» ناملىق يېڭى ناخشىسىنى  يۇتۇپ، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. 

نۆۋەتتە ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان جو خامىلتون ئەپەندى 18-مارت كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. 

جو خامىلتون ئەپەندى ئالدى بىلەن بىزنىڭ «سىز بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى. سىز ناخشىلىرىڭىز ۋە پائالىيەتلىرىڭىزدە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتىسىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلسەك بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاپ بەردى: «بۇ ناخشىنى يېزىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ ناخشا ئەمەلىيەتتە مېنىڭ خەلقىمگە قارىتىلغان. مەن خەلقىمىزنى ئاگاھلاندۇرماقچى ئىدىم. ھازىر يەرلىك تاراتقۇلاردا خىتايدىكى ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› ھەققىدە  كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلىۋاتىدۇ. بىلىشىمچە، 23 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە تۇتقۇندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلىپ كەلدى. ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. مەن بۇ خىل ۋەزىيەت (ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق) نى دەل مېنىڭ خەلقىمگە ئاڭلىتىدىغان پەيت كەلدى دەپ بىلىمەن. شۇڭا مەن ناخشامدا ئېيتقىنىمدەك، ئەگەر سەن ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتمىساڭ، بۇ ھەقتە سۆزلىمىسەڭ، سەنمۇ ئوخشاش تەقدىرگە قالىسەن،» دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. 

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن ئۇيغۇرلار سېنى ئاۋاز چىقارسۇن دەپ چاقىرىۋاتىدۇ، بىز ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدىلا، بىزنىڭمۇ كەلگۈسىدە قانداق ئاقىۋەتكە ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى كۆرەلەيمىز، دەپ قارايمەن. شۇڭا خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاتلىنىشىمىز كېرەك. خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى ھازىر غەرپ قىممەت قارىشىنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ھازىر ئۇ يەنە پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ۋىرۇسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ۋىروسى بىلەن غەرب  دۆلەتلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ مەسىلىدە دۇنيا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى، شۇڭا مەن ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خەلقلەر خىتايغا قارشى تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن.» 

ئۆزىنىڭ مۇزىكانت بولۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن خامىلتون ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىجاد قىلغان ناخشىلىرى ئۈستىدە توختالدى. 

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى، 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان «غايىبلار ئانىسى» پاتىگۈل غۇلام قاتارلىق  تۇتقۇندىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن   ناخشا ئىجات قىلغانلىقى ۋە باشقىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

جو خامىلتون ئەپەندى يەنە ئۆز ئەجداتلىرى ياشىغان تۇپراق — ئىرلاندىيەنىڭ ئىلگىرى بۈيۈك بېرىتانىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر زېمقن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئەجداتلىرىمنىڭ قىسمىتى مېنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەتتى» دېدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر، بولۇپمۇ مەن ئادالەتكە ئىشىنىمەن. ھەممە كىشىگە ئادالەت كېرەك. ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز دۆلىتىدە تىنچ، خاتىرجەم ياشاش ھەققى بار. ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرىغا ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇپ ياشاش ھەققى بار. ئەمما زىمىنى بېسىۋېلىنغان خەلقلەرنىڭ مىللىي خاسلىقلىرى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولىدۇ. بۇ بىر جىنايەت. ھازىر بۇ ئەھۋاللار خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر زېمىندا يۈز بېرىۋاتىدۇ.» 

 جو خامىلتون ئەپەندى گەرچە ئۆزى شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما  ئەجداتلىرىنىڭ ئىرلاندىيەلىك كۆچمەن بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىدە زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۇيغۇنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ‹نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۇھاجىرەتتىكى  ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تۇيغۇدا بولىمەن؟› چۈنكى مېنىڭ بوۋام ۋە مومام ئېرلاندىيەدىن شوتلاندىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن كىشىلەردۇر.

مەن زېمىنى بېسىۋېلىنغان ئېرلاندىيىلىكلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە شوتلاندىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى توغرىسىدىكى ھىكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم.  ئائىلەم ئېرلاندىيەلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھېچقاچان شوتلاندىيەلىك ياكى  برىتانىيەلىك دەپ ھىس قىلمىدىم. مەن ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز ئانا تۇپرىقى، ئەركىن ۋەتىنى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ھېسسىيات جەھەتتە  ئۇيغۇرلارغا ھەر ۋاقىت يېقىن ھېس قىلىمەن.» 

ئۇ بۇ خىل قىسمەتلەرنىڭ ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى قىلىپ يېتىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زېمىنى بېسىۋېلىنغان  ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى غەرب دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.