مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئىستانبۇلدا غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.07.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام. RFA/Arslan

Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam-1.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam-2.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam-3.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam-4.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

Merhum-Abdulhekim-Muhammat-Qurban-Damollam-5.jpg

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن ئوقۇلغان غايىبانە جىنازا نامىزىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 30-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىستانبۇلدا خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار سۆز قىلىپ، مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللامنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا توختالدى.

كېيىن يەنە جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، خوتەندە ئۆتكەن بۈيۈك دىنىي ئالىم مۇھەممەد قۇربان داموللامنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇلھەكىم داموللامنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شېھىت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام قاتارلىق ئىككى نەپەر شېھىتىمىزنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدۇق. بۇنداق ھادىسىلەر خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن باشلاپ داۋام قىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش جەريانىدا ئاز بولمىغان رىيازەت ۋە كۈلپەتلەرگە، شۇنداقلا قۇربان بېرىشلەرگە ئۇچراپ كەلدى. كۈرەشنىڭ تەبىئىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بۈگۈن ئىككى شېھىتىمىزنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ داموللام، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم، كېرەم قارىم قاتارلىق ئالىملىرىمىزنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇغان ئىدۇق. بۇلار ۋەتەن، خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش يولىدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئالىملار ئىدى. بىر مىللەتنىڭ ئالىمى دېمەك بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنى دېگەنلىكتۇر، بىر مىللەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسى دېمەكتۇر».

ئاخىرىدا دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيارنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام قاتارلىق پۈتكۈل شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن رەسمىي توربېتىدە بىر تەزىيە ۋە بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام خوتەننىڭ مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1970-يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىممۇ 5 يىللىق ھاياتىنى خىتاي زىندانلىرىدا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى خوتەنگە قايتىپ بېرىپلا دىنىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن ھەمدە مەشھۇر نۇرلۇق مەسچىتىنى بىنا قىلىشقا زور كۈچ چىقارغان. ئۇ شۇ مەسچىتنىڭ ئۆزىدە ئىمام-خاتىپلىق قىلىش ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بۈيۈك ئالىم ئىدى. ئابدۇلھەكىم داموللام دادىسىدا ئوقۇپ دىنىي ئالىم بولغان ھەمدە دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نۇرلۇق مەسچىتىگە دادىسىنىڭ ئورنىغا ئىزباسار بولۇپ خاتىپلىققا تەيىنلەنگەن. بۇ جەرياندا مەسچىتنىڭ جامائىتى بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ خۇتبىلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئۇ «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن 1999-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 29 يېشىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 4-تۈرمىگە قامالغان. 2014-11-ئاينىڭ 15-كۈنى، 15 يىلنى تولۇق توشقۇزۇپ، 44 يېشىدا زىنداندىن چىققان بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، 2017-يىلىغىچە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغان. 2017-يىلى 7-ئايدا مىليونلارچە بىگۇناھ ئىنسانلار لاگېرلارغا قامالغان ۋاقىتتا ئابدۇلھەكىم داموللاممۇ قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ھەمدە لاگېرغا ئەۋەتىلمەستىن، بىۋاسىتە 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەرھۇمىنى يېقىندىن تونۇيدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئوجاتلى ئەپەندى ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللامنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى داموللامنىڭ تۈرمىدە شېھىت قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك مەنبە ياكى ئائىلىسىدىن بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولمىغان ئىدى. 2019-يىلى 28-ئىيۇن ئابدۇلھەكىم داموللامنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ۋە باشقا تۇغقانلىرى ئارقىلىق بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راستلىقى، داموللامنىڭ 49 يېشىدا خىتاي زىندانلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ئاللاھ مەرھۇمغا شېھىتلىك ماقامىنى بەرسۇن! گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلسۇن! جەننەتۇلفىردەۋستىن ئورۇن بەرسۇن!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.