جوۋ بايدىن خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن؟

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021-01-08
Share
جوۋ بايدىن خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن؟ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن قتىساد ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ نامزاتلىرىنى ئېلان قىلدى. 2021-يىلى 8-يانۋار.
REUTERS

يېڭىدىن سايلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى سىياسەتچىلەر ۋە ئانالىىزچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 6-دېكابىر ئېلان قىلغان «بايدېن خىتايغا قارشى بۈيۈك ئىتتىپاق قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئەمما ئۇ ئاسان ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، جوۋ بايدېننىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بېيجىڭغا بىرلىكتە كەڭ كۆلەملىك بېسىم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ياۋروپادىكى بۇرۇنقى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشى خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئامېرىكاا رىقابەت ئېلان قىلغانلىقى، دەپ قاراشماقتىكەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خىتايغا قارىتا ترامپ ھۆكۈمىتى يولغا قويغان بىر قاتار قارارلارنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئۇلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇلار نيۇ-يورك ئاكسىيە بازىرىدىن خىتاي تېلېگراف شىركەتلىرىنى چىقىرىۋېتىش، ئالىپاي پۇل تۆلەش سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايغا ئۇلانغان ئەپلەر ئارقىلىق سودىلىشىشنى چەكلەش ۋە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر ئۆزىكى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بايدېن ھۆكۈمىتى ھازىرقى مەۋجۇت ھۆكۈمەتكە ئوخشىمايدىغان يول تۇتىدۇ، يەنى خەلقئارادا يالغۇز ھەرىكەت قىلماستىن، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى يەتتە يىللىق سۆھبەتتىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي بىلەن ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تاماملىغان. ئانالىزچىلار بۇ كېلىشىم خىتاينى ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان رىقابەتتە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا چىقىرىدۇ، دەپ قارىشىۋاتقان بولسىمۇ، نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ كېلىشىمگە ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەمەلدارلىرى بېيجىڭنىڭ ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقنى، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنى بەكرەك مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايغا قارىتا سىياسەت بەلگىلەشتە يەنە ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت مەسىلىلىرىمۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارلىرى ئېچىدىكى مۇھىم تېمىلار بولۇپ قالغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دوكتور ئاندېرس كور ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۇلار (بايدېن ھۆكۈمىتى) نىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە ئايرىم سىياسەتلىرى بار. ئۇلار خوڭكوڭلۇقلارنى قوللىغان ئىدى. ئىشەنچلىك بىر يەردىن ئاڭلىدىم، مەنبەسىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئىجابىي سىياسەتلەر يۈرگۈزۈلىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن ئامېرىكا خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە بولىدۇ، دەپ قارايمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە يىلدىن بۇيان خەلقئارانىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە ئارىلاشماسلىقىنى ئېيتىپ، ئۇ رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى بايدېن باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى جەھەتتە ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن پەرقلىنىشى مۇمكىن، لېكىن پرىنسىپ جەھەتتە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ. ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان كۆپ ساھەلەر ئۇيغۇرلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسى چەتتە قالمايدۇ. بىزمۇ ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»

ئاندىرىس كور ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارىتا شۇ خىل سىياسەتلەرنى قوللىنىشى توغرا، دەپ قارايدىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى: «تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزگەن ئىدى، ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى. بايدېن باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ سىياسەتنى يۇمشاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بايدىن تەشكىللىگەن ھۆكۈمەتتىكى خادىملارمۇ خىتاي بىلەن كېلىششىنىڭ ئەمدى ئورنى قالمىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى، دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ‹خىتاي تەھدىتى› دىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرلا يولى بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاينى پۈتۈنلەي دېموكراتىيىلەشتۈرۈش. دىكتاتور ھۆكۈمەت باشتا بولىدىكەن، كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئارمىيە كۈچى بىلەن مەلۇم بىر دۆلەت ياكى رايوننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ دېموكراتىسىيەسىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»

20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان بايدېن باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ خەلقئارا سىياسىتى، بولۇپمۇ خىتايغا قارىتا سىياسىي ئىسىتراتىگىيەلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى: «ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مەسسىلىسى بۇ يېڭى ھۆكۈمەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر يەر ئېلىشى مۇمكىن.»

كلىنتوننىڭ سابىق سودا ۋەكىلى چارلىن بارشېفسىكى ئىلگىرى بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن: «ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىياسەت ئىككى تەرەپلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك بولۇشى كېرەك. بۇ رەسىم تاللاش ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ بىر مانېۋىر.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت