غۇلجادىكى كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە يەر ئاستىدا قالغان 18 كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا
2022.12.28

خىتاي ئاخباراتى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىغا جايلاشقان خىتاينىڭ «غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ يەر ئاستى كانىدا 24 -دىكابىر كۈنى كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە 18 نەپەر ئىشچىنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجادىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر 18 نەپەر كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئېنىقلىشىمىزچە، قۇتقۇزۇش ھەركىتى نۆۋەتتە 5-كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما كان ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلاردىن بىرەرسىنىڭمۇ تېخى قۇۇتۇلدۇرۇلالمىغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، غۇلجا ناھىيەسىدە كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كان ئاستىدا جەمئي 40 كىشى بارلىقى، بۇلاردىن 22 نەپىرىنىڭ شۇ كۈنى قۇتقۇزۇلغانلىقى، ئەمما قالغان 18 نەپىرنىڭ كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن كاننىڭ ساھىبى بولغان «غەربى دىيار ئالتۇن كان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ بىر خادىمى، مەزكۇر قۇتقۇزۇش ھەركىتى بۈگۈن 5-كۈنىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، ئەمما قۇتقۇزۇشنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتتىكى بارلىق خادىملار، ئالدىنقى سەپكە، يەنى ئۆرۈلگەن كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىگە قاتناشقان. ئەمما تا ھازىرغىچە كان ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلاردىن بىرەرىنىڭ قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىگە ھېچقانداق جاۋاپ كەلمىگەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بىر خادىمىمۇ، مەزكۇر دوختۇرخانىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا كەتكەنلىكى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا ئېلىپ كېلىنىىش ئېھتىماغلى بولغان يارىدارلارنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئەمما ھازىرغىچە بىرمۇ يارىدرانىڭ بۇ دوختۇرخانىغا ئەكىلىنمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.
يوقۇرىقى بۇ مەلۇماتلاردىن قۇتقۇزۇش ھەركىتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما ھېچبىر نەتىجە بولمايۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بىز ئالاقىدار خادىملاردىن ئۆرۈلگەن كاننىڭ كۆلىمى، سەۋەبى، كان ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ كىملىكلىرى، بولۇپمۇ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. خادىملاردىن بەزىلىرى بۇ مەلۇماتلاردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر كان جايلاشقان غۇلجا ناھىيە قاراياغاچ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، بۇ سوئاللارغا پەقەت ھۈكۈمەتنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىنلا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، قارىياغاچ يېزىسدىكى كۆمۈر ۋە ئالتۇن كانلىرىدا ئېغىر جىسمانىي ئىشلارنى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن يەرلىك ئاھالىلەر، يەنى ئۇيغۇرلار قىلىدىاغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. شۇڭا بىز بۇ قېتىملىق ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر 18 كىشىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدە يەرلىك دائىرىلەردىن نۇقتىلىق مەلۇمات سورىدۇق.
مەزكۇر ئالتۇن كان شىركىتىنىڭ خادىمى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، 18 كىشى ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە خەنزۇدىن ئىبارەت ھەر ئىككى مىللەت كىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇنىڭغا قاراياغاچ يېزىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا ئىكەنلىكنى ئەسكەرتىپ، «بۇ 18 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ خادىمدىن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە يەرلىكتىن، يەنى غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن مەلۇمات ئېلشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
ئىلى ئوبلاستلىق جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ بىر خادىمىمۇ، قۇتقۇزۇشنىڭ تېخىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كان ئاستىدا قالغان 18 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
يۇقۇرىدا، غۇلجا ناھىيەسىدىكى كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە يەر ئاستىدا قالغان ۋە ئىزدىلىۋاتقان 18 كىشىنىڭ كۆپىچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.