غۇلجادا كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنىڭ ئۆسمۈر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.12.30
غۇلجادا كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە ئىككى نەپىرىنىڭ ئۆسمۈر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى «غەربىي دىيار ئالتۇن كان ئىلى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ ئالتۇن كولاش كانىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدا كۆرۈنۈشى.
Maxar Technologies

ئالدىنقى كۈنىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا غۇلجادا 24‏-دىكابىر كۈنى يۈز بەرگەن كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە يەر ئاستىدا قالغان ۋە ئىزدىلىۋاتقان 18 كىشىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر 18 كىشىدىن 3 كىشىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى. ئۇلاردىن ئىككى نەپىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىگىرى 16 ياش ۋە 17 ياش ۋاقىتلىرىدا، يەنى تېخى قورامىغا يەتمىگەن ۋاقتىدا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنغانلار بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

«بەيدۇ» ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلىشىچە، غەربىي دىيار ئىلى ئالتۇن كان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1993‏-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئومۇمى ئىشچى-خىزمەتچىسى 672 نەپەر؛ بۇنىڭ 333 نەپىرى، يەنى 49.56 پىرسەنتى خىتاي بولمىغان يەرلىك مىللەتلەردىن ئىكەن.

بىز كان ئاستىدا قاپسىلىپ قالغان 18 كىشىنىڭ كىملىكلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۈگۈن يەنە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى (新疆维吾尔自治区应急管理厅) غا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم ۋەقە يۈز بەرگەن كاندىكى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنىڭ بۈگۈن 6‏-كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى ۋە قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. بىز مەزكۇر خادىمدىن قاپسىلىپ قالغان 18 كىشىنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغا دەرھال جاۋاپ بېرەلمىدى. ئۇ ئىشخانىسدىكى باشقا خادىملار بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەييارلىغان مەخسۇس ماتېرىيالدىن پايدىللىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

«بەيدۇ» تورىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا مەزكۇر شىركەتنىڭ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن 2038 مو زېمىننى ئىگىلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. بىز مەزكۇر خادىمدىن كاننىڭ ئۆرۈلگەن قىسمىنىڭ كۆلىمى، يەنى قانچە مو ياكى قانچە كۇۋادرىرات مېتىر جايىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغىمۇ جاۋاپ بېرەلمىدى. مەزكۇر نازارەتتىكى يەنە بىر خادىم، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر خادىمى، دەسلەپتە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى، ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى، تېلېفونىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ، سوئاللىرىمىزنى جاۋاپسىز قالدۇردى.

خىتاينىڭ ئالتۇن كان ساھەسىگە ئائىت بىر توربەتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت 2020‏-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەلىرىدىن «ناماراتلارغا ياردەم بېرىش» نامىدا 25 نەپەر ئىشچىنى يۆتكەپ ئەكەلگەن ئىكەن.

مەزكۇر شىركەت يەنە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۆلۈكەي كەنتىگە قارىتامۇ ئاتالمىش «نامراتلارنى يۆلەش» پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

بىز مەزكۇر ئالتۇن كان جايلاشقان غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىدىكى يەرلىك ۋەزىپىدارلارغا تېلېفون قىلىپ، كان ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدىىن ئۆزلىرىگە كەلگەن زىيان-زەخمەت ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر يېزىنىڭ 1‏-كەنت ئامانلىق مۇدىرى، ئۆزىنىڭ نەق مەيادانغا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن كانغا بارمىغانلىقى، ئەمما بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىز-دېرىكى ئېلىنمايۋاتقان 18 كىشى ئىچىدە، ئۇ مەسئۇل كەنتتىن 4 كىشى بار ئىكەن. بۇلارنىڭ كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم، مەزكۇر 4 كىشىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ بۇ يىل 18 ۋە 19 ياش ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا 51 ياش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە مەزكۇر ئىككى ياشنىڭ بۇ كانغا ئىشقا چۈشكەن 2020‏-يىلى 16 ۋە 17 ياشلاردىكى ياش قورامىغا توشمىغان ئۆسمۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلرىمىزدا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىغا ماكانلاشقان خىتاينىڭ چىڭخۇا ئېلېكتىر ۋە كۆمۈركان شىركەتلىرىنىڭ تەۋەلىكتىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىنچە ئۇلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقى، يەرلىك ئاھالىلەرنى 3 قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان باغ-ۋارانلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى پاش بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.