كانادالىق ئۇيغۇر قىز مەھلىيا چەتىنكايا: «ئادالەت بولمىسا تىنچلىق بولمايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.09.30
kanada-namayish-02-1024 كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئالبىرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 29-سېنتەبىر كۈنى كالگارىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، كالگارى
مەھلىيا چەتىنكايا

ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر، يەنى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدۇ. جۈملىدىن كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئالبىرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 29-سېنتەبىر كۈنى كالگارىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان.

نامايىشقا كانادالىق 19 ياشلىق ئۇيغۇر ياش مەھلىيا چەتىنكايا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، نامايىشقا قاتناشقان ئامما، «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئادالەت» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. مەھلىيانىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، كونسۇلخانا جايلاشقان شەھەر ۋە باشقا يىراق-يېقىندا ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يىللىرىغا ئوخشاشلا نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا لەپىلدەتكەن.

كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئالبىرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 29-سېنتەبىر كۈنى كالگارىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، كالگارى
كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئالبىرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى 29-سېنتەبىر كۈنى كالگارىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 29-سېنتەبىر، كالگارى
مەھلىيا چەتىنكايا

سۆھبىتىمىز جەريانىدا مەھلىيا چەتىنكايا، «خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنىڭ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇپ مۇستەقىل ياشاش ئارزۇلىرىنىڭ ۋە ھەقلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنغان ماتەم كۈنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەھلىيا چەتىنكايا ئالدىنقى ھەپتە كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا سودا دائىمىي كومىتېتىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى؛ ئۇلارنىڭ رايوندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئوغرىلاش ۋە مونوپول قىلىشىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاساس قىلغان ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنىڭ ھەتتا كانادا چېگراسىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ كانادا ئاۋام پالاتاسىدا بەرگەن گۇۋاھلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.