1-ئۆكتەبىر نورۋېگىيە ۋە كانادادا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.10.01
kanada-namayish.jpg كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر.
Tuyghunjan ependi teminligen

شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان نورۋېگىيەدە 1-ئۆكتەبىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىللىق دۆلەت بايرىمى كۈنىدىكى خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىن سەمەت ئابلا ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن مەلۇمات بېرىپ، نورۋېگىيەدىكى خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشنىڭ نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە نامايىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەمەت ئابلا ئەپەندى 1-ئۆكتەبىردىكى نارازىلىق نامايىشىنىڭ نورۋېگىيەدە 2008-يىلدىن بۇيان ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، يېڭىدىن قورۇلغان خوڭكوڭ تەشكىلاتى ۋە ۋىيېتنام تەشكىلاتىنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتناشقان خوڭكوڭ كومىتېتى لىدېرى جېسىكا چۇ خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ 1-ئۆكتەبىردىكى بىرلەشمە نامايىشنىڭ مەقسىتىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن خوڭكوڭ كومىتېتى لىدېرى جېسىكا چۇ بولىمەن. بۈگۈن خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنىدە بىز نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە، تىبەت، خوڭكوڭ، ۋىيېتنام تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇ يەردە يەنى نورۋېگىيەدىكى بىرقانچە تەشكىلاتلار بىرلىكتە خىتايغا قارشى نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەۋاتىمىز. بىز ئۆز تۇپراقلىرىمىزدىكى خەلقلەر ئۈچۈن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتىمىز.» دېدى.

نورۋېگىيەدىكى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشقا قاتنىشىۋاتقان تىبەت پائالىيەتچىسى تسومو سۋېننىڭسېن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

تسومو سۋېننىڭسېن خانىم بايانىدا 1-ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ۋىيېتناملىقلارنىڭ بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى زوراۋان باستۇرۇشىغا قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمى ئاستىدا ئۆتكەن 70 يىلنىڭ تەبرىكلىنىشى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ بۇ زېمىندىكى خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكى دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

1-ئۆكتەبىر كۈنى كانادادا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىمۇ، كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، كانادادىكى تىبەت، خوڭكوڭ، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ۋىيېتناملىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-ئۆكتەبىردىكى خىتايغا قارشى بىرلەشمە نارازىلىق نامايىشى، كانادا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11-دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 گىچە كانادانىڭ تورونتو، مونتېرىيال قاتارلىق بىرقانچە شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنداق بىرلەشمە نامايىشنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە بېسىم پەيدا قىلىشتا ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشقان كانادا تىبەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سوننام خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

سوننام خانىم بۇ قېتىملىق نامايىشنى كانادا شەرقىي تۈركىستان بىرلەشمىسى تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ 70 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشى ۋە ئېزىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، كانادادەك دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىشى ۋە ئانا يۇرتلىرىدا بولۇۋاتقان باستۇرۇلۇش ۋەزىيىتىنى مۇشۇنداق بىرلەشمە نامايىشلاردىن پايدىلىنىپ، كانادا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ھەم دۇنياغا داۋاملىق ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كانادادىكى بىرلەشمە نامايىشقا قاتناشقان ۋىيېتناملىق پائالىيەتچىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ نامايىشقا قاتنىشىشىمدىكى سەۋەب، بىز خىتايغا قارشى ھەمكارلىقتا ۋە بىر سەپتە تۇرۇشىمىز ۋە نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى، بىز ھەممىمىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورتاق ئېزىشىغا ئۇچراۋاتىمىز. مەن قىزىل خىتاينى ياۋۇز ھاكىمىيەت دەپ بىلىمەن. چۈنكى، بىز ۋىيېتناملىقلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار ۋە خوڭكوڭلۇقلار ھەممىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا بىز بىر سەپتە تۇرۇشىمىز، بىرلەشمە كۈچىمىز ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدە، ئۆزىنىڭ 70 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى قۇتلۇقلاۋاتقان 1-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا يەر شارى خاراكتېرلىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.