مەمەت توختى: «كانادا ھۆكۈمىتنىڭ مۇساپىر ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ئېلىپ كىلىشىگە تولۇق ئىشىنىمەن»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.06.12
onming-uyghur-kanada-2 كاناداغا كېلىدىغان 10،000 ئۇيغۇر توغرىلىق سۆھبەتتىن كېيىن خاتىرە سۈرەت. 2023-يىلى ئىيۇن، كانادا.
FB/Memet Tohti

ئىگىلىشىمىزچە، كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن بۇ يىل 1-فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرىنى باشلىغان. مىڭلىغان مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بەزى دۆلەتلەردىكى ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە ئەمىنسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ بىخەتەر، تىنچ، ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەت بولغان كاناداغا كېلىپ ياشاشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۆتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا بۇ چوڭ ۋە مۇھىم كۆچكە مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن سوئاللار پەيدا بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن «قويمىچىلىق» قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى توغرۇلۇق سۆز-چۆچەكلەر يېيىلماقتا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرماقتا. بىز ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بىلىشكە تېگىشلىك توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە، كانادادىكى بۇ قانۇننىڭ قوبۇل قىلىشىغا كۆپ ھەسسە قوشقان، بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا ۋە كونكرېت خىزمەتلەردە كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى كاناداغا كېلىدىغان 10،000 ئۇيغۇر توغرىلىق كانادا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە مالىيە مىنىستىرى كرىستىيا فرىلاند(Chrystia Freeland) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى ئىيۇن.
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى كاناداغا كېلىدىغان 10،000 ئۇيغۇر توغرىلىق كانادا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە مالىيە مىنىستىرى كرىستىيا فرىلاند(Chrystia Freeland) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2023-يىلى ئىيۇن.
FB/Memet Tohti

مەمەت توختى ئەپەندى، مۇساپىر ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر كانادا دۆلەت خادىملىرنىڭ بېرىشغا رۇخسەت قىلمىسا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى بىر شىركەتنىڭ ياردىمى بىلەن بىخەتەر يۇمشاق دېتال لايىھەلەۋاتقانلىقىنى دېدى. بۇ يۇمشاق دېتال كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، 2-3 ھەپتە ئىچىدە مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماس ۋە جەدۋەللىرى توردىن تولدۇرۇلۇشقا باشلىنىدىكەن.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.