كانادانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا ھەمدە ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نىسبەتەن قاراشلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.02.24
كانادانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىغا ھەمدە ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە نىسبەتەن قاراشلار كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو پارلامېنت بىناسىدىكى ئاۋام پالاتاسىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 13-مارت، ئوتتاۋا، كانادا.
AFP

23-فېۋرال كۈنىدىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كانادا پارلامېنتىدا 22-فېۋرال قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنگىلىيە باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت پىكىرلەر دىققەتنى تارتماقتا. د ئۇ ق 22-فېۋرال دەرھال ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ ھادىسىلەرگە قارىتا قاراشلىرى قانداق؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور تارىخىي بىر ۋەقە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قارارنىڭ سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى مايىك پومپېيو «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى جاكارلىغاندىن كېيىنكى خەلقئارادا بارلىققا كەلگەن يەنە بىر ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 46-نۆۋەتلىك يىغىنىدا بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كەسكىن تەلەپپۇزلاردا ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەنمۇ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ كانادا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر قارارنىڭ بۇندىن كېيىن كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كونكىرېت قانداق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، كانادا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئىزھار قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ قارارنىڭ نۆۋەتتىكى ب د ت يىغىنلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادا پارلامېنتىدا مەزكۇر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن زور ئەجىرلەر سەرپ قىلغان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىسى، د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ ئۆتتى.

ھازىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كانادانىڭ ئۇشبۇ قارارىغا نىسبەتەن ئالقىش سادالىرى ۋە كانادا پارلامېنتىغا بولغان رەھمەت-تەشەككۈر بايانلىرى ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.