تۇرپان سۇ ئىشلىرى دائىرىلىرى: كارىزلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالى ھەقىقەتەن مەۋجۇت

0:00 / 0:00

ئالاقىدار ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، كارىزلار 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتكۈر ئەقىل پاراسىتى، ئۆتمۈشتىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۆجىزە خاراكتېرلىك سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىدۇر. ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن 2008-يىلى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى نامزاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تۇرپان كارىزلىرى 4000 دىن ئارتۇق قۇدۇق ۋە 5000 كىلومېتىردىن ئارتۇق قانالدىن تەشكىللەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مانا بۇ قىممەتلىك بايلىق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان، ئەمما بىز ئۆزىمىز بىۋاسىتە ئېرىشمىگەن ئەڭ يېقىنقى بىر بىر سىن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئاينىڭ 23-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر خىتاي شىركىتى كارىزنىڭ 4 قۇدۇقىنى تىندۈرىۋەتكەن. كارىزنى تەكشۈرۈپ كەلگەن ئاھالىلەر، ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇشچىلارنى بۇزغۇنچىلىقتىن توسقان ۋە ئەھۋالنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانا مۇشۇنداق چوڭ بىر بۇزغۇنچىلىق، تۇرپاندا ھېچقانداق بىر غۇلغۇلا پەيدا قىلالمىغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان چاتقال ساقچىخانا خادىمى تۇرپاندا بۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتسا، مەزكۇر تىندۈرىۋېتىلگەن كارىزلار جايلاشقان يار يېزىسىدىكى ساقچى خادىمىمۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلدى.

كارىزلار ھېلىھەم مۇھىم سۇ ئىنشائاتى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقان تۇرپاندا، نۆۋەتتە 4 ئورۇندا كارىز ساياھەت باغچىسى بار بولۇپ، بۇلارمۇ، يار يېزىسىدىكى بۇ كارىز تىندۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن خەۋەرسىز قالغان.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر يەرلىك خادىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، شۇ كۈنى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئاھالىلەر، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغاندىن كېيىن، ئەتىسى يەنى 24‏-مارت كۈنى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. ئەمما ئۇلار ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كېلىشىگە ئارقىدىن ساقچى ۋە يېزا كادىرلىرى يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئېلىپ كەتكەن. ئۇلارنى ئەكېتىشكە مەسئۇل بولغان كەنت ئاياللار مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەرزىيەت ئىدارىسى خادىمىمۇ، بۇ شىكايەتكە بەك كۆڭۈل بۆلمىگەن ۋە ئۇلارنى ئىشخانىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئالدىرىغان.

تۇرپان ۋىلايەتلىك كارىز ساياھەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىمى، تۇرپاندا كارىزلارنىڭ دەخلى-تەرۈزسىز ھالدا قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەمما تۇرپان ۋىلايەتلىك سۇ ئىشلىرى تارمىقىدىكى بىر خادىم، مەزكۇر ئاھالىلەرنىڭ شىكايىتىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تۇرپاندا كارىزلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇرپاندا قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىن چېڭ» نامىدىكى بىر شىركەت، تۇرپان ئەتراپىدا ھەر خىل زاۋۇت ۋە سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىركەت ئىلگىرى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، جۈملىدىن كارىزلارغا دەخلى قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەدىسىدە تۇرالمىغان. توقسۇن ئەتراپىدىكى چارۋىچىلاردىن تارتىپ تۇرپان شەھەر ئىچكى ئاھالىلىرىگە قەدەر كۆپ ساندا كىشىلەر مەزكۇر شىركەت ئۈستىدىن ئەرزلەر سۇنغان. ئەمما مەزكۇر شىركەت دۆلەت ئىگىلىكىدە بولغاچقا ۋە ئۇنىڭ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىلغان قۇرۇلۇش پىلانى بولغاچقا، تۇرپاندىكىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقىدار ئورگانلارنىڭمۇ مەزكۇر شىركەتكە گېپى ئۆتمىگەن.

يۇقۇرىدا، تۇرپاندىكى كارزىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋلاىنىڭ ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ يېتەرلىك دىققىتىنى تارتالمىغانلىقى ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىرقانچە يىلدىن بېرى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.