خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: «يېڭى گۇۋاھلىق دوكلاتى ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېتنى ئويغىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.07.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2020-2021-يللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد پارىژدا. 2021-يىلى 6-ئاپرېل، فىرانسىيە.
AP

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا قامالغان 48 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئائىلە ئەزالىرى بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى-لاگېر قۇربانلىرى ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق پاكىتلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ ھەقتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلات تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلارنى «شىنجاڭ تۇتقۇنلىرىغا ئەركىنلىك» ھەرىكىتى داۋامىدا توپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىدىكى تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان 120 شەخسنىڭ پاجىئەلىك ھېكايىسى سۆزلەنگەن.

تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن ئابدۇللا رەسۇل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا قېرىندىشى پەرھات رەسۇلنىڭ 2017-يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى، 2018-يىلى9 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، پەرھاتنىڭ ئايالى ۋە قېينىئاتىنىسىنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ كىملىكىمىزنى، مەدەنىيەتىمىزنى ۋە دىنىمىزنى يوقاتماقچى. ئىنسانلار بىزنىڭ ۋەتەندە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلسىكەن دەيمەن».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد (Agnes Callamard) مۇنداق دېگەن: «بۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بايانلىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئىشلار ئالىقاچان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ بىر قانچە قېرىندىشىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ 40 تۇغقىنىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى، بۇلار بۇ رايوندىكى تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلۇقنىڭ نەقەدەر زور كۆلەمدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد (Alkan Akad) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يېڭى دوكلاتنىڭ بۇرۇنقى دوكلاتقا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئالدىنقىسىغا قارىغاندا كۆپەيدى. بىز دۇنيا مىقياسىدا ھەرىكەت قىلىپ، ئەسلىدىكى 70 تۇتقۇننىڭ ھېكايىسىگە 48 تۇتقۇننىڭ ھېكايىسىنى قوشۇپ، 120 نەچچىگە يەتكۈزدۇق. بىز بۇنىڭغا يەنە داۋاملىق يېڭى ھېكايە، يېڭى ئىسپاتلارنى قوشىمىز؛ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىمىز. مېنىڭ يەنە دەپ قويىدىغىنىم، بىز ئاڭلىغان ئىسپاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىر قىسىم تۇتقۇنلار لاگېرلاردىن تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتىدۇ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە تۈرمىگە قاماشلار يەنىلا مەۋجۇت».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن ئاۋۋال لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بەرگەن گۇۋاھلىقلار ھەققىدە ئىشلىگەن قىسقا ۋىدىيونى تىۋىتتېردا ئېلان قىلپ، مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ زىيارىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئەمما مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دەھشەتلىك تۈزۈمى ۋە جىنايەتلىرى ئۈستىدە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقارمىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىسا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر ھەپتىلىك يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدىكەن.

ئاگنېس كاللامارد بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىدىن چوقۇم ھېساب سوراش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي كومىسسار باچېلېت خانىم ئۇزۇندىن بېرى ئارقىغا سۆرەپ كەلگەن شۇ دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك. ئۇ ھازىرغىچە شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى دېمەي كېلىۋاتىدۇ، بۇ ئادالەتكە قىلىنغان توسقۇنلۇق، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىغا قىلىنغان ھاقارەت».

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن ئالكان ئاكاد مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر دەل ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت ئۇزۇندىن بېرى ئېلان قىلمايۋاتقان شۇ دوكلاتىنى تېزرەك ئېلان قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ۋاقىت. ئۇنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇپ قالدى، خىتايدىن كېلىدىغان ئۇنچە بېسىممۇ يوق، شۇڭا ئۇ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئوچۇق ئېيتىشى، شۇ دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشى كېرەك. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ ئۇنى شۇ دوكلاتنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. شۇڭا ئالىي كومىسسار خانىم ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلاپ، ھەقىقەتنى سۆزلەپ، ياخشى ئۈلگە تىكلىشى كېرەك».

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىلا نۇرغۇن ئائىلىلەر ئاتالمىش «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك» قالپاقلىرى بىلەن جازالىنىپ ۋەيران بولۇپ كەتكەنىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2021-يىلى خىتاينىڭ دۆلەت تېررورىزمى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى توپ-توپ لاگېرغا سولاپ، قىيناپ، ئۆلتۈرۈپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە تۇنجى دوكلاتنى تەييارلىغان.

2022-يىل 5-ئايدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ يوشۇرۇپ كەلگەن جىنايەتلىرى يەنە بىر قېتىم پاش بولغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئۆكتەملىك، نومۇسسىزلىق بىلەن ئۇنى ئىنكار قىلغان. بۇ ھەقتە ئاگنېس كاللامارد مۇنداق دېگەن: «شۇنچە كۆپ پاكىتلار چىقىۋاتسىمۇ خىتاي يەنىلا دۇنياغا يالغان سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى كەڭ-كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بىتەرەپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان خەلقئارالىق مېخانىزم قۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ. بۇ مېخانىزم خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. خالىغانچە تۇتۇلغان مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئىنسان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ھەق-ئادالەتكە ئېرىشىشى ۋە خىتايدىن ھېساب سورىيالىشى كېرەك».

ئالكان ئاكاد بۇ يېڭى دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ 48 تۇتقۇن ھەققىدە بېرىلگەن يېڭى گۇۋاھلىقلار بۇرۇنقى ئىسپاتلار بىلەن قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ گۇۋاھلىقلار يېقىندا ئاشكارىلانغان ‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› دىكى ئەھۋال بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت خانىم شۇ دوكلاتنى باستۇرۇپ قويۇپ يېتىۋالماسلىقى، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاشكارە ئېتىراپ قىلىشى كېرەك».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 50-قېتىملىق يىغىنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلاشقان. بۇ يىغىن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق چوڭ يىغىنى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ شۇنچە چاقىرىقلارغا پەرۋا قىلماي، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى بۇ يىغىنغا سۇنمىغان. ئۇ 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان بولۇپ، قايتا ۋەزىپە ئۆتىمەيدىكەن. ئۇ بۇ ۋەزىپىسىدىن قېلىشتىن ئاۋۋال شۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى قاچان ئېلان قىلىدىغانلىقى، ئېلان قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.