تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ 2-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئىستانبۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى سەلاھىددىن قەشقەرلى ئەپەندىلەردىن تەركىپ تاپقان مەخسۇس ھەيئەتنى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ھەيئىتىگە ئۆز پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، مەسىلىنى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتتە. 2021-يىلى 2-فېۋرال، ئەنقەرە، تۈركىيە.

ئارقىدىن ئەخمەت داۋۇتوغلۇ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز كېيىنكى يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدۇق. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانلىق مەسىلىسى، شۇڭا ھازىر دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرماقتا. بۇلاردىن سىرت شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز، ئۇيغۇرلار بىزنىڭ جان قېرىنداشلىرىمىزدۇر. شەرقىي تۈركىستان ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹قۇتادغۇ بىلىگ› قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەر يېزىلغان زېمىن بولۇپ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكىدۇر. بۇ يەردە ھازىر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتىدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى.»

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «شۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلاركى، بىز ‹كېلەچەك› پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىشىلىك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە قېرىنداش مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر پارتىيەمىز. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇندىن كېيىن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۈگۈن پارتىيەمىزنىڭ مەركىزىگە كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئارقىدىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆز ئېلىپ، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭمۇ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزمۇ سىزگە رەھمەت ئېيتىمىز. بۈگۈن 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا قۇللۇق تۈزۈمىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخباراتلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك، ھازىر خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىگە بەزى ياۋروپالىقلار ۋىجدانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن قاراۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىرىستىيان جامائىتى بىلەن يەھۇدىي جامائىتى. غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى جەھەتتىن مەسىلىگە قارىماقتا. شۇڭا بۇ مۇسۇلمان ۋە تۈرك خەلقىنىڭمۇ مەسىلىسىگە ئايلىنىشى كېرەك. سىزمۇ دەپ ئۆتكىنىڭىزدەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنسانلىق مەسىلىسى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئۇيغۇرلار تارىختا دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان بىر خەلق.»

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئۇچرىشىشتا «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى «كېلەچەك» پارتىيەسى بىلەن ‹ئىيى› پارتىيەسىگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەييارلانغان ئىككى يازما دوكلاتنى سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

«كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىز مىكروفونىمىزنى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە ئۇزاتتۇق. ئۇ ئەخمەت داۋۇتوغلۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىر سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى، «كېلەچەك» پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«كېلەچەك» پارتىيەسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ چىققان بىر گۇرۇپپا سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان پارتىيەدۇر. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بۇ پارتىيە يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىنلار چاقىرىپ، پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. ئەخمەت داۋۇتوغلۇ بولسا تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەندە، ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان ئىدى.