پەيزىۋاتتىكى كەنت كادىرى: «قامال سەۋەبلىك ‹تەربىيەلەش› تىن كېسەل چىققان ئابلىز نىيازنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.02.18
lager-towe-aile-tawabiti.jpg «تەربىيەلەش» لاگېرىدىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشى.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، پەيزىۋاتتىكى بىر لاگېردا بوينىغا قورقۇنچلۇق بىر ئۆسمە چىقىپ قېلىپ، 3 ئاينىڭ ئالدىدا قويۇپ بېرىلگەن ئابلىز نىياز دوختۇرخانىغا بېرىپ-كېلىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك كوچىلار قامال قىلىنىپ، دوختۇرخانىغا بېرىشقا ئامالسىز قالغان ۋە داۋالىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان. نەتىجىدە ئۇنىڭ بوينىدىكى ئۆسمە كۈندىن‏-كۈنگە يوغىناپ، نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان. ئۇ ئولتۇرۇشلۇق شاپتۇل يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ھاياتى نۆۋەتتە ئېغىر خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتىكەن.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان جىددىي ھالەت، يەنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي قاماققا ئېلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن پەيزىۋاتتىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. خادىملار يۇقىرىقى ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى. ئەمما ئىزچىل ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا 3 ئاي ئاۋۋال لاگېردىن قويۇۋېتىلگەن ۋە دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىپ داۋالىنىۋاتقان ئابلىز نىيازنىڭ كوچا-مەھەللەر قامال قىلىنغان 3 ھەپتىدىن بۇيان داۋالىنىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى ۋە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ ھاياتى خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2017 ‏-يىلى 10 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئەمدىلا تۈگەتكەن ئابلىز نىياز تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ لاگېرغا تۇتۇلغان. سابىق مەھبۇسلۇق «گۇناھى» بىلەن لاگېردا ئىككى يېرىم يىلچە ياتقان ئابلىز نىيازنىڭ بوينىدا قورقۇنچلۇق بىر ئۆسمە پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن. ئابلىز نىياز پەيزىۋات ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ كېلىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك كوچىلار قامال قىلىنىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقالمىغان ۋە داۋالىنىشى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىلگىرى ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ئاھالىلەرنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئەھۋال ئاستىدا كەنتتىن يول خېتى ئېلىپ سىرتقا چىقالايدىغانلىقى، رۇخسەتسىز سىرتقا چىققان تەقدىردە 15 كۈنلۈك «تەربىيەلەش» كە ئەكىتىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىچە، «تەربىيەلەش» تىن قورقۇپ كەتكەن ئابلىز نىياز دوختۇرغا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۆيدىن سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. كەنت كادىرلىرى ئاھالىلەرگە يېمەك-ئىچمەك يەتكۈزۈش ئالدىراشچىلىقىدا كېسەل ئابلىز نىيازنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ياكى يول خېتى بېرىشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان.

ئالاقىدار كەنت كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئارىلىقتا بىر نۆۋەت دوختۇرغا تەكشۈرتۈش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغان ۋە 15 كۈنچە دورىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئابلىز نىياز يېقىندا بىر قىسىم دورىلارغا ئېرىشكەن. ئەمما كېچىككەن دورىلار ئۇنىڭ بوينىدىكى ئۆسمىنىڭ كۈنسېرى يوغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان. نۆۋەتتە بوينىدىكى قوش ئۆسمە كۈندىن-كۈنگە يوغىناپ تۇخۇمدەك چوڭلۇققا يەتكەن ھەمدە نەپەس ئېلىش ۋە ھەرىكەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان.

پەيزىۋاتتىكى ئابلىز نىيازنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىقىپ لاگېرغا، لاگېردىن چىقىپ ئۆي قاماققا قاپسالغانلىقىغا ئېچىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ نۆۋەتتە ھاياتىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى ۋە دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا ئاپىرىلىپ ئۆسمە ئوپېراتسىيەسى قىلىنمىغان تەقدىردە 45 ياشلىق ئابلىز نىيازنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.