ئاردان زەنتۈرك: «شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى»
2023.09.02
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، شى جىنپىڭ «كېسەك دۆلەتلىرى» (BRICS) رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ قايتىشىدا بىۋاسىتە ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن. ئۇ، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغان ھەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمە بەرگەن.
تۈركىيەدىكى تونۇلغان ئوبزورچى، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى بۇ توغرىلىق مەخسۇس پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر سىنلىق ئانالىز پروگراممىسى تارقاتتى. ئۇ، بۇ ئانالىزىدا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، مەن كۈندىلىك سىياسەتنى دەپ داۋاملىق كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان كىشىلەردىن ئەمەس. تۈرك قان سىستېمىسىدىكى بىر خەلقنىڭ كىملىكى پەقەتلا تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار زۇلۇمغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. مەن بۇ مەسىلىگە ‹تۈركىيەنىڭ سودا جەھەتتە خىتايغا ئېھتىياجى بار، خىتايدىن پۇل كېلىدۇ ياكى بولمىسا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىسا، ئاندىن سۈرىيەدە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ› دەپ قارىمايمەن. مەن، ‹ئەگەر خىتاي تۈركىيە بىلەن ياخشى ئۆتىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلىشى، تۈركىيەدىن مەنپەئەت ئالىمەن دەيدىكەن، ئۇيغۇرلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى كېرەك› دەپ قارايمەن.»
تونۇلغان ئوبزورچى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى ئۆز ئانالىزىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «2023-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خىتايدا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاچتى. بۇ خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى يىغىن ئىدى. يىغىندا شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكاز ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتۇشىدىغان ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاي، شەرقىي تۈركىستان بولمىسا، بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. خىتاي مەزكۇر پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى سۈكۈتتە تۇرماقتا.»
ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا ناھايىتى جىددىي كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىدىكى مۇنداق بىر جۈملە ناھايىتى ۋەھىم، يەنى ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق خىزمەتلەرنى قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول ئاستىغا ئېلىشىمىز كېرەك›. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرىمەن دېگەنلىك، ئۇيغۇر كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرىمەن دېگەنلىكتۇر. ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى شى جىنپىڭغا بۇ توغرىلىق دوكلات سۇنغان. ئۇلار دوكلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش كېرەكلىكى، بۇنى خىتايغا خاس سوتسىيالىزىم تۈزۈمى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلىگەن. ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش پىلانىنى دوكلات ھالىتىدە شى جىنپىڭغا سۇنغان. بۇ نېمە دېگەنلىك؟ بۇ تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى قارار قىلغانلىقتۇر.»
ئوبزورچى ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە دېگەن سۆزلىرى توغرىسىدىكى ئانالىزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان: «شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى زىيارىتىدە يەنە مۇنداق دېگەن: ‹بىزنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن بۇلارنى قىلىشىمىز شەرت. شىنجاڭ بىز ئۈچۈن ئۇزاق بىر تۇپراق ئەمەس، ئۇ ‹بىر بەلباغ بىر يول‹قۇرۇلۇشىنىڭ مەركىزىدۇر. بۇ گەپنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى لاگېرلارغا سولىدى؟ مېنىڭچە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن سولىدى.»
ئاردان زەنتۈرك يەنە مۇنداق دېگەن: «شى جىنپىڭ، شىنجاڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› قۇرۇلۇشى باشلانغان جاي. يېقىندا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشىمىز كېرەك، دېگەن. بۇ رايوننى ساياھەتچىلەرگە ئاچسا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى ئۇلاردىن قانداق يوشۇرالايدۇ؟ مەنچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ يوشۇرماقچى. يەنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام مەدەنىيەتى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى قارار قىلغان. خىتاي، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان مەدىنىيەتىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى.»
بىز ئاردان زەنتۈرك ئەپەندىنىڭ تېلېۋىزىيە ئانالىزى توغرىسىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون قىلدۇق. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنىڭ «سىز شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپسىز. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلمىغان رەزىللىكلىرى قالمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلاتلار تەييارلىدى. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلار شاھىتلار ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى ۋە يازدى. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تىبەتتىن قالسا ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر جايىغا ئايلاندى. بۇنى بەزى دۆلەتلەر ئېتىراپ قىلىپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. شۇڭا بۇنى توختىتىش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىكى دۆلەتلەر خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى، كونكىرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. تۈركىيە باشلىق تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ خىتايغا قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.»
1955-يىلى ئىستانبۇلدىكى ئۈسكۈدار رايونىدا دۇنياغا كەلگەن ئاردان زەنتۈرك ئەپەندى، 1993-يىلى تۈركىيەدىكى تۇنجى شەخسىي تېلېۋىزىيە بولغان «ستار» دا ئىشلىگەن. تۈركىيەدىكى پېشقەدەم پائالىيەتچى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى، ئاردان زەنتۈرك ئەپەندىنى 1990-يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ئوبزور ۋە خەۋەرلىرىدىن تونۇيدىغانلىقىنى، بىلدۈردى. ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئادنان زەنتۈرك كىشى يازغان ئوبزورلار بىلەن ئىشلىگەن ئانالىز پروگراممىلىرىغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوبزورلىرى قوزغىغان جامائەت پىكرىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.