كورلادىكى 5 نەپەر ئايال ئېغىر كېسىۋېتىلگەن ئائىلىدىن يەنە ئىككى ئەر ۋە بىر كېلىننىڭ مۇددەتسىز كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
2022.01.27

كورلادىكى بىر ئائىلىدىن بەش ئايال ئېغىر كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوت ھۆكۈمى توغرۇلۇق بەرگەن بىر يۈرۈش خەۋەرلىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئائىلىنىڭ كىفايە ياقۇپ ئىسىملىك بىر كېلىنىنىڭ نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىفايە خانىم، مەزكۇر ئائىلىدىن كېسىۋېتىلگەن 9 كىشىدىن يولدىشى مەھمۇت مەمەت، قېيىنئىنىسى مۇساجان مەمەت ۋە يەڭگىسى زۆھرەگۈل خۇدابەردىلەرنىڭ مۇددەتسىزدىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ تۇتۇلغاندىن تا ھازىرغا قەدەر ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
سانجى تۈرمىسىدە 17 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 78 ياشلىق مەھكۇم خەلچەم پازىلنىڭ نۆۋەتتە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان كېلىنى كىفايە ياقۇپ خانىم، بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم تولۇقلىما مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خەلچەم پازىلنىڭ 3 ئوغۇل، 4 قىز، جەمئىي 7 پەرزەنتى بار ئىكەن. بۇلاردىن ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىمىزدە دېيىلگەن 3 قىز ۋە بىر كېلىنىنىڭ كېسىلىپ كەتكىنىدىن باشقا، ئوغۇللىرىدىن يەنە مەخمۇت مەمەت، مۇساجان مەمەتمۇ مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن ئىكەن.
دېيىلىشىچە، مۇساجان مەمەت ئىلگىرى شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ناماز ئوقۇغانلىقى بايقىلىپ قېلىپ مەكتەپتىن ھەيدەلگەن، كېيىن يەنە ئاتالمىش «تېرورچىلارغا زەربە بېرىش» دولقۇنلىرىدا ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، 5 يىللىق ۋە 3 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. كېيىنكى ئۈچ يىللىق جازاسىنى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلىدە، يەنى 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلىنىپ، 3-قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئايالى زۆھرەگۈل خۇدابەردىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىپ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن. زۆھرەگۈلنىڭ كېسىلىشىگە ئۇنىڭ كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى خىزمەت ئورنىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئاتالمىش «جىنايى پاكىت» قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى مەھمۇت مەمەت ۋە مۇسجان مەمەت ئاكا-ئۇكىلار ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتتى. پەقەت مەلۇم بىر ئاھالىلەر كومېتىتىدىكى بىر ئامانلىق مۇدىرى مەھمۇت مەمەتنىڭ مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە مۇساجان مەمەتنىڭ «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كونكىرېت قىلمىشىلىرى ۋە جازا ئۆتەۋاتقان تۈرمىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. يەنە كورلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كورلا شەھەر ياڭگۇاڭ ئاھالىلەر رايونىدىن كېسىلىپ كەتكەن بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ تىزىملىكى قولىمىزغا چۈشتى. تىزىملىكتە مۇساجان مەمەتنىڭ «تېرورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە كورلادىكى بىڭتۇەن تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر ئائىلە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىمىزنى كۆرۈپ رادىيومىزغا ئىنكاس يوللىغان يۈسۈپجان پىردەۋسى ئەپەندى، مۇساجان مەمەتنىڭ بىر «تېرورچى» ئەمەس، ئەكسىنچە ئىلىم-مەرىپەتكە ئىزچىل ئىنتىلگەن ۋە سىياسىي ۋەزىيەت سەۋەبلىك خىتاينىڭ دۆلەت تېرورىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان كىشىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
كىفايە خانىمنىڭ دېيىشىچە، يولدىشى مەھمۇت مەمەت خىزمىتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇتۇق قازانغان كارخانىچىلاردىن بىرى ئىكەن.