خىتاي، باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى 63 كۈندىن كېيىن يېتەرسىز ھالدا خەۋەر قىلدى
2015.11.20
ئاقسۇ بايدا يۈز بەرگەن سوغان كۆمۈركان ھۇجۇمىنى ئىككى ئايدىن بېرى كەسكىن ھالدا رەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى،20 - نويابىر كۈنى، يەنى ۋەقە يۈز بېرىپ 63 كۈندىن كېيىن دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» دا رەسمىي ئېلان قىلدى، ئەمما خەۋەردە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى يەنىلا كەمتۈك ۋە ئېنىقسىز. خىتاي مەزكۇر خەۋىرىدە، خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلار سانىنى 28، دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما خەۋەردە ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىكتە قېچىپ يۈرۈۋاتقان ۋە ئانىلار ۋە بالىلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
18 - سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ھەپتىن كېيىن رادىئومىز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خىتاي دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» بۈگۈن تۇنجى قېتىم 18 - سېنتەبىر كۈنى باي كۆمۈركاندا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى رەسمىي ئاشكارىلىدى. ئەمما خەۋەردە كۆمۈركان ھۇجۇمىدا خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەنلەر سانى 16، يارىلانغانلار سانى 18 دەپ بېرىلدى.
ئەمما ئىلگىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك نۆۋەتچى خادىملار خىتاي تەرەپتىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئاز دېگەندە 50 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدى.
خىتاي بۈگۈنكى خەۋىرىدە13 - نويابىر كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلار سانىنىڭ 28 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ئەينى چاغدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كان يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقىمۇ ۋەقەگە ئۆز تەۋەلىكىدىن چېتىلغان گۇماندارلار سانىنىڭ 17 نەپەر ئىكەنلىكىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق ئومۇمى گۇماندارلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ھۇجۇمچىلاردىن بىر نەپىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى، 28 نەپىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئەمما ھۇجۇمچىلار بىلەن بىرلىكتە قېچىپ يۈرۈۋاتقان ئانا ۋە بالىلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرلمىگەن. مەزكۇر چارۋا مەيدان باشلىقى گۇماندارلار تىزىملىكىدە ئۆز تەۋەلىكىدىن 4 ئانا ۋە 3 بالىنىڭمۇ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ قوليازمىسىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئەسكەرلىرى گۇماندارلار مۆكۈنگەن جاينى بايقاشتا ئەتراپتىن ئاڭلىنىپ قالغان ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئاۋازىغا ئاساسلانغان.
خىتاي بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆمۈركان ھۇجۇمىنىڭ «چەتئەلدىكى بىر ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قوماندانلىقىدا يۈز بەرگەنلىكى» نى، «ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۇجۇمدىن ئاۋۋال چەتئەلدىكى بۇ تەشكىلات بىلەن 6 قېتىم ئالاقىلەشكەنلىكى» نى ۋە «ھۇجۇمدىن كېيىن 3 قېتىم ئالاقىلىشىپ ئۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە مەلۇمات سورىغانلىقى» نى يازغان. ئەمما چەتئەلدىكى ھەرقانداق بىر تەشكىلات ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
14 - نويابىر كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى قىسقا بىر ئۇچۇر ئارقىلىق، پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى ئۇيغۇر رايونىدا «بىر گۇرۇھ تېررورچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن» لىكىنى داغدۇغىلىق خەۋەر قىلغان، ئەمما خەۋەر قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.
مەزكۇر خەۋەردە ئېنىق ھالدا باي كۆمۈركان ھۇجۇمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش مەشغۇلاتىنىڭ 56 كۈن داۋام قىلغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۆلتۈرۈلگەن گۇماندارلارنىڭ 18 - سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن باي كۆمۈركان ھۇجۇمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپ قويغان ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمىغا قارىتا دىققىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن، ھەتتا خىتاينىڭ ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەخسۇس بۇ ھەقتە سوئاللار سورالغان، ئەمما خىتاي باياناتچى بۇ ۋەقەدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى تىلغا ئېلىپ ۋەقەنى يەنىلا يوشۇرغان ئىدى.