بۈگۈر ئىسيانىنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەتنىڭ خىتاي ئاخباراتىدا دېيىلمىگەن تەرەپلىرى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.10.24
tursun-memet-bugur-weqesi.png بۈگۈر ئىسيانىنىڭ يېتەكچىسى، 33 ياشلىق سابىق قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى تۇرسۇن مەمەت
Tengshun Tori


خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى 21 - سىنتەبىر بۈگۈر ئىسيانىنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەت ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا ئۇنىڭ بىناكارلىق تېخنىكومىنى ئوقۇغانلىقى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ئاتالمىش ئەسەبىي ئىدىيەنى قوبۇل قىلغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقى ۋە جەمئىيەتتىكى تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يېتەكچى تۇرسۇن مەمەتنىڭ مەكتەپتىكى چاغلىرىدا تىرىشچان ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، ئىش ھاياتىدا بولسا كەسپىگە پۇختا ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشى ئىكەنلىكى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئامما ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ئىناۋەت تاپقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاھالىلەردىن بىرى، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشتەك چوڭ بىر ئىشقا يېتەكچىلىك قىلالىغانلىقىغا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن تەساددىپىيلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.