ميۇنخېندا ئۇيغۇرلار دۇنياغا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتىدۇ!!!» دەپ خىتاب قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2014.08.04
germaniye-namayish-yeken-weqesi.jpg گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28- ۋە 29-كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى قىرغىنچىلىقىغا غەزەپلىنىپ نامايىش قىلدى. 2014-يىلى 4-ئاۋغۇست، ميۇنخېن.
RFA/Ekrem

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇبارەك روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28- ۋە 29-كۈنلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيىسىنىڭ بىرنەچچە يېزىلىرىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇ ھەم غەزەپكە تولدۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەزكۇر قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى، د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە چاقىرىقىغا ئاساسەن د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى تەرىپىدىن 4-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ميۇنخېن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ۋەتەنسۆيەر، مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىش نەق مەيدان ئەھۋالى ھەققىدە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە تېلېفون ئارقىلىق تەپسىلىي مەلۇمات يەتكۈزدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.