مەريەمگۈل ئابلىمىت تۇرپاندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلاتتى
2018.09.21

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىياردا يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي ۋە ئىرقىي باستۇرۇشلىرى داۋامىدا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرى خانىۋەيران بولۇپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تەپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىككى يىلدىن بۇيان 2 بالىسى بىلەن تۈركىيەدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مەريەمگۈل ئابلىمىتنىڭ ئائىلىسى دەل مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەمگۈل ئابلىمىت ئۆزىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىستانبۇلدا ئىگە-چاقىسىز قالغانلىقىنى، تۇرپاندا قالغان يولدىشىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، دادىسى بىلەن بىللە تۇرپاندا قالغان 12 ياشلىق قىزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەريەمگۇل ئابلىمىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىكەن. ئۇ تۈركىيىگە ئېغىرئاياق ھالدا كەلگەن بولۇپ، تۈركىيىدە تۇغۇلغان قىزى ھازىر ئىككى ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 2016-يىلى 10-ئايدا تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسىنىڭ جايغوجام مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئېرى بىلەن تېلېفوندا ئاخىرىقى قېتىم سۆزلەشكەنلىكىنى، يولدىشى تېلېفوندا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ساقچىدىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالغانلىقىنى، پات ئارىدا ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ يولدىشىنى «خوتۇن-بالىلىرىنىڭنى نېمىشقا چەتئەلگە چىقىرىۋېتىسەن» دەپ قىستىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەريەمگۇل ئابلىتىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى تولۇق ئۈزۈلۈپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ 83 ياشلىق ئانىسى كۈيۆئوغلى ئەخمەت ئابدۇرېھىمنى قامىغان لاگېرغا نەچچە قېتىم بارغان ئىكەن، بىراق دائىرىلەر بۇ ياشانغان موماينى كۈيۆئوغلى بىلەن كۆرۈشتۈرمەپتۇ.
مەريەمگۈل ئابدۇرھىم يەنە يولدىشى ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىگە كېلىش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرگەنلىكىنى، ئەمما 12 ياشلىق قىزىنىڭ پاسپورتىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا يولدىشىنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، 2017-يىلى 4-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
مەريەمگۇل ئابلىتىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 83 ياشلىق ئانىسىمۇ ھەر كۈنى 3 سائەت لاگېرغا بېرىپ خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانماتىكەن. ئۇنۇىدىن باشقا ئۇنىڭ يولدىشىنىڭ ئىككى ئاچىسىنىڭ قىزلىرىمۇ لېگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئىكەن.
مەريەمگۇل ئابلىمىتنىڭ ھازىر پۈتۈن خىيالى تۇرپاندا ئىگە-چاقىسىز قالغان 12 ياشلىق قىزىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن. زىيارىتىمىز جەريانىدا مەريەمگۈل مۇنداق دېدى: «مەن قاراپ تۇرۇپ ئېرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. مەن قاتتىق روھى زەربىگە ئۇچرىدىم، يېنىمدىكى باللىرىممۇ دادىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئېغىر روھى زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇلار بىزنىڭ ئائىلىنى مۇشۇنداق خنىۋەيران قىلىۋەتتى.»
مەريەمگەل ئابلىمىتنىڭ ھازىر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان قىزىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلىسى دۇچ كەلگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.
مەريەمگۇل ئابلىمىت بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن يولدىشى ئەخمەت ئابدۇرېھىم ۋە يولدىشىغا ئوخشاش لاگېرغا سۇلانغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چاقرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكىمىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ كىتىلىپ، ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئىرىمنىڭ خەۋىرىنى بېرىشىنى ۋە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يولسىزلىقلارنى، باستۇرۇشلارنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمەن. دېموكراتىك ئەللەر ۋە كىشلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكىمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىغىر دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بىر مىللەتنى يوقىتىۋىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بىرىلىۋاتقان بۇ قەبىھ قىلمىش بىز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىشى كىرەك دەپ قارايمەن. خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەردىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسان خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئائىلەم بىلەن جەم بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى، بىگۇناھ ئېرىمنىڭ دەرھال ئازاتلىققا چىقىرلىشىنى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولىشىغا ياردەم قىلىشىنى سورايمەن.»
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئىگە-چاقىسىز قالغان ئانا-بالىلارنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە كۈن كۆچۈرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.