مۇتەللىپ ئىمىننىڭ مۇراجەت خېتىدىن كېيىن دائىرىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مۇتەللىپ ئىمىننى ئىزدىدى
2013.11.15

15 - ئىيۇل سەھەردە بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپېرانت ئوقۇغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن، ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدا 72 كۈن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، 1 - ئۆكتەبىر ئۈيىگە قايتۇرۇلغان.
ئەمما ئۇ، كىملىكى ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ئۆيىگە قايتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان. مۇتەللىپ ئىمىن بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە ئۇيغۇربىز تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلغاندىن كېيىن،دائىرىلەر10 - ۋە 11 - نويابىر كۈنلىرى مۇتەللىپ ئىمىننى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ تۈركىيىگە قايتىپ ئوقۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغان. دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىبان ئىگىلىگەن بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلاردا بولسۇن.
دائىرىلەر تەرىپىدىن 72 كۈن قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، خوتەندىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئاسپېرانتى مۇتەللىپ ئىمىن، يېقىندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنى يەنە ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
15 - ئىيۇل سەھەردە، ئىستانبۇلغا قايتىپ ئوقۇش سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغان مۇتەللىپ ئىمىن 12 - نويابىر كۈنى ئۇيغۇربىز تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 10 - ،11 - نويابىر كۈنلىرى ئۆزلىرىنى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن دەپ تونۇشتۇرغان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ خوتەندىكى ئۆيىگە ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭ تۈركىيىگە قايتىپ ئوقۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى شەرت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىملىكى ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، سىرتقا چىقىپ ئەركىن پائالىيەت قىلىشتىن مەھرۇم قىلىنغان مۇتەللىپ ئىمىننىڭ ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، 10 - ۋە 11 - نويابىر كۈنلىرى ئۆزلىرىنى خوتەن ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار باشقارمىسىدىن دەپ ئاتىۋالغان ئىككى خادىم ئۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىگە ئىزدەپ كەلگەن. ئۇلار10 - نويابىر كۈنى 1 - قېتىم كەلگىنىدە مۇتەللىپ ئىمىن ئولتۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا كىرىپ مۇتەللىپ ئىمىن بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن.
ئەتىسى شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 17 ئۆتكەندە ئۆزىنى ئابلاجان دەپ ئاتىۋالغان بىرەيلەن مۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇتەللىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاپتوموبىل بىلەن مۇتەللىپنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىغا كەلگەن ۋە مۇتەللىپ بىلەن ئاپتوموبىل ئىچىدە سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇتەللىپ ئۆزى خالىمىغان بولسىمۇ، ئاپتوموبىلغا چىققان ۋە ئارقا ئورۇندۇقتا يەنە بىر خىتاي ئايالنىڭمۇ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى سورىغان. ئۆزىنى ئابلاجان دەپ تونۇشتۇرغان خادىم ئۆزىنىڭ ۋىلايەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇتەللىپنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە كەلگەنلىكىنى ۋە مۇتەللىپكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەللىپ ئىمىن ئۇيغۇر بىز تورىغا بەرگەن بايانىدا، ئۆزىنى خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان ئابلاجان ئىسىملىك بۇ كىشى بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنى ئابلاجان دەپ تونۇشتۇرغان بۇ خادىمى، مۇتەللىپ ئىمىندىن ئۇنىڭ ئىستانبۇل سەپىرىدىن تۇتۇپ قېلىنغاندىن بۇيانقى بارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرۈشتۈرگەن، ئاندىن مۇتەللىپ ئىمىننىڭ كونا كىملىكىنىڭ كوپىيەسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا بېرىپ، يېڭىدىن كىملىك بېجىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ كىملىكسىز سەپەرگە چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كۆيۈنگەن قىياپەتتە مۇتەللىپكە نەسىھەت قىلىپ، ئەگەر بۇندىن كېيىن تور بېكەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپ ئەرز قىلىشنى توختاتسىلا، ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە پاسپورتىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى يەنە، مۇتەللىپنىڭ تۈركىيىدىكى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قايسى ئورۇننىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى خاتىرىلىۋالغان ۋە 3 كۈنگىچە مۇتەللىپنى يەنە ئىزدەيدىغانلىقىنى ۋە مۇتەللىپنىڭ پاسپورتى ھەم كىملىكىنى مۇناسىۋەتلىك ساقچىلاردىن سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، بىيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ياكى ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قىلىنىپ سوراق قىلىنىش ياكى «سۆھبەتلىشىش»، «چاي ئىچىش» قاتارلىق باھانىلەردە خىتاي دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ياكى دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىشلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار سوراق جەريانىدا ئۇلاردىن نۇقتىلىق ھالدا ئىلھام توختىنى، ئىلھام توختى بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان كىشىلەرنى ۋە ئىلھام توختى ساھىپلىقىدىكى ئۇيغۇربىز تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرگەن.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن، ئىلگىرى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇيغۇربىز تورىدا بىر مەزگىل پىدائىي تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. مۇتەللىپ ئىمىن بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلھام توختى مۇئەللىمگە ۋە ئۇيغۇربىز تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.