«زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدىكى 45 مۇخبىرى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018.12.28
bitter-winter.jpg «زىمىستان» تورىدىكى خىتايدىكى 45 مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر. 2018-يىلى 28-دېكابىر.
bitterwinter.org

يېقىندىن بۇيان غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردىكى ئېتىبارىنى ئاشۇرۇشتا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك «زىمىستان» تورىمۇ مۇشۇ رەتنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان تور تاراتقۇلىرىنىڭ بىرى.

ھالبۇكى، يېقىندا «زىمىستان» تورىنىڭ خىتايدا ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا تۇرۇشلۇق لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالى ۋە باشقا دەپسەندىچىلىكلەرنى ئەينەن پاكىتلار بىلەن ئېچىپ بېرىۋاتقان 45 مۇخبىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان» ياكى «چەتئەلنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى سىڭدۈرۈشكە قاتناشقان» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. 

«زىمىستان» تورىنىڭ 27-دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 45 مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى خىتايدا تۇرغان مەزگىلدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆز خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت ۋەقەلەر ۋە خەۋەرلەرنى توپلىغانلىقتىن بولغان، دەپ ئىزاھات بېرىلگەن. 

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە، مەزكۇر تورنىڭ باش مەسئۇلى ماركو رېسپىنتى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. 

ئۇ بىزگە بۇ 45 مۇخبىرنىڭ بۇ يىلى 9-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئۈچ ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۇلاردىن 40 قا يېقىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۇتۇلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇلار ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلدى. بۇ يىل روژدېستۋو بايرىمى كەلگۈچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 45 كە يەتتى. شىنجاڭدىكى 40 قا يېقىن مۇخبىرىمىز تەربىيىلەش لاگېرى ھەققىدە ماتېرىيال توپلىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى،» دېدى.

بىز ئۇنىڭدىن يۇقىرىقى ئۇچۇرنىڭ قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق دەلىللەنگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ خىتايدا تېخى بايقالمىغان مۇخبىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق مەلۇماتلار پەقەت بىرلا ئادەمدىن كەلسە بەلكىم ئىشەنمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بىر قانچە مۇخبىرىمىز ئوخشاشلا مەلۇم مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزسە، دېمەك بۇ بىز ئۈچۈن دەلىللەنگەن ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ».

ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «زىمىستان» تورى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «چەتئەلنىڭ دۈشمەن تور بېتى» دەپ تەبىر بېرىلگەن. دۆلەت ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇق مەزكۇر تور بەت ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر تورغا ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىن ئۆچ ئالغان. 

ماركو رېسپىنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگىمۇ قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تورغا ھۇجۇم قىلىشى ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى توغرا ئىش قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. 

ئۇ مۇنداق توختالدى: «‹زىمىستان تورى› نىڭ خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ كومپيۇتېر مۇلازىمىتىمىزغا، شەخسىي ئېلېكترونلۇق خەت ساندۇقلىرىمىزغا ۋە مۇخبىرلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن، بۇ خىل ۋەزىيەت كۈنسايىن ناچارلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بىز ئۈچۈن ياخشى بېشارەت، چۈنكى بىز توغرا ئىش قىلمىغان بولساق، خىتايمۇ بىزگە ھۇجۇم قىلمايتتى».

خەۋەردە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا «زىمىستان» تورىنىڭ خىتاينىڭ فۇ جىيەن ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئىككى مۇخبىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ھازىرغا قەدەر قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ئىككى مۇخبىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «1-دەرىجىلىك تۇتقۇن» دەپ بېكىتىلگەن. بۇ يەردىكى «1-دەرىجىلىك تۇتقۇن» دېگىنى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن، ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىنىدىغان كىشىلەر ئىكەن. 

ماركو رېسپىنتى تۇتۇلغان مۇخبىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنىشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى قىياس قىلىشنىڭ تەس ئەمەسلىكىنى، ئۇلاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنى ‹دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چەتئەلگە ساتقان خائىن› دەپ تۇتقۇن قىلدى. بۇ پۈتۈنلەي خاتا، ئۇلار ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى. بىر ئادەم خائىن دەپ ئەيىبلەنسە، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلاردىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتىمىز».

زىيارەت داۋامىدا بىز ماركودىن خىتايدىكى مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە باشقا دىنىي جەھەتتىكى جازالاشلارنى پاش قىلىشتا ئۇلارغا پەيدا قىلىنغان توسالغۇلار ھەم بۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە پىكىر ئالدۇق. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، 45 مۇخبىرنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ 45 پارچە خەۋەردىن قۇرۇق قالغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇلار ئۈچۈن «ئېغىر زىيان» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇنچە مۇخبىرىمىزنىڭ تۇتۇلۇشى يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى باشقا تۇتۇلمىغان مۇخبىرلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ئۈندىدى. بۇ بىزگە بىر ئۈمىد بېغىشلىدى. بىز سېپىمىزنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ خىزمىتىمىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز».

زىيارەت ئاخىرىدا ماركو رېسپىنتى كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچىنى سۈرەتكە ئالغان مۇخبىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغاچ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنىڭ ئۇلارنى خىتايدىكى ناھەقسىزلىكلەرنى پاش قىلىش كۈرىشىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە: «بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىز بۇرۇنقىدىن قىيىن بۆلىشى مۇمكىن. مەن غەربتە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ‹بۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرىمىز›، دېيىش مەن ئۈچۈن ئاسان، ئەمما بىزنىڭ خىتايدىكى نۇرغۇن مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئىرادىسى بىزنى ھەقىقەتەن خاتىرجەم قىلدى. شۇڭا بىز بۇ يولدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز».

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «زىمىستان» تورى گەرچە قۇرۇلغىلى ئۇزاق بولمىغان بىر ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنى بېغىشلاش روھى خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.