شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى تولغان كۈندە، يەنى 26-ئىيۇن كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن يېزىسىدا 27 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان زور قانلىق ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقە بۈگۈن سەھەردە گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، پىچان ناھىيىسىدە بىر تۈركۈم پىدائىيلار ئەتىگەن سائەت 6 بىلەن ساقچىخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا پىچاقلىق ھۇجۇم قوزغاپ، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ، ئۇچرىغانلا ئادەمگە پىچاق سېلىپ، 9 ساقچى ھەم ئامانلىق ساقلاش خادىمىنى، 8 پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. يەنە كۆپ ساندىكى يارىدارلار دوختۇرخانىلارغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېتىلگەن. ساقچىلار بىلەن بولغان كەسكىن توقۇنۇشتا 10 نەپەر پىدائىي نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 3 نەپەر پىدائىي قولغا ئېلىنغان. نەق مەيداندىن ئايرىلغان پىدائىيلارنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. جەمئىي 27 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا باغلانغان.
ب ب س قانىلىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە 10 پىدائىي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۈچ نەپىرى قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر ۋەقەگە زادى قانچىلىك ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئوچۇق ئېيتمىغان. گېرمانىيە 1-تېلېۋىزىيە قانىلى ئا ر د نىڭ بايان قىلىشىچە، مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلار كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، تېخى 4-ئايدىلا ئۇيغۇرلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتا 21 ئادەم ئۆلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە بولغان قارشىلىقى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ خىل قانلىق ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بېيجىڭنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە يۆتكەپ كېلىنىۋاتقان كۆچمەنلەر سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. تۈرك مەتبۇئاتلىرىمۇ خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرى ئاساسىدا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇرلار تارقاتماقتا. بارلىق خەۋەرلەرنىڭ ئارقىسىغا بۇندىن 4 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە ئائىت مەلۇماتلار ئەسكەرتىلگەن.
بىز پىچان ناھىيىلىك دوختۇرخانا، ساقچى ئىدارىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالالمىدۇق. تېلېفونىمىزنى ئۇلىيالىغان بەزى ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بولسا بۇ توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشنى خالىمىدى.
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە قاغىلىق ۋەقەسى، سېرىقبۇيا ۋەقەسى، يېڭىسار ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى پىچان ۋەقەسىدە يەنە 27 ئىنسان جان ئۈزدى. ئۇيغۇر پىدائىيلىرى نېمە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىدىغان بۇنداق قانلىق ۋەقەلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ؟
بىز بۇ قېتىمقى ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى زىيارەت قىلدۇق. دىققىتىڭلار بۇ زىيارەت خاتىرىسىدە بولغاي.
