تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى ئۇيغۇر غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئومۇميۈزلۈك «يوقلىما» قىلىنغان

0:00 / 0:00

تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بەرگىنىگە 15 كۈن بولدى. گەرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكى ئاپئايدىڭ بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەگە ھۇجۇمچىلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە ھاياتىدىن نېمىلەرنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى ياكى قوشۇمچە رول ئوينىغانلىقى تېخىچە مەلۇم ئەمەس. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تەخمىن قىلىنغان سەۋەبلەر قاتارىدا، ھۇجۇمچى ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن پىلال مەسچىت ۋەقەسى، ئوسمان ھەسەننىڭ ئىنىسى ئابلىكىم ھەسەننىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا تاپقانلىقى، شۇنداقلا يەنە ئوسمان ھەسەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئاخىرقى تەخمىننىڭمۇ ئورۇنسىز ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نەق ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكشۈرۈپ چىققان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىغايسىلەر.