كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.02.25
husenjan-esqer.jpg نەچچە ئونلىغان لۇغەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن، كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەر ئەپەندى.
Gülruy esqer teminligen


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا كاندىدات ئالىي تەرجىمان. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار قوللانمىسى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىيە سۆزلەر لۇغىتى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان لۇغەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم. بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆز سىڭلىسى گۈلرۇي ئەسقەر خانىم، «لۇغەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى ھېسابلانسا، ئۇنداقتا، ھۈسەنجان ئەسقەردەك پۈتۈن ياشلىق باھارىنى مىللىتىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان زىيالىيلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئېغىر بىر كرىزىس ئىچىدە قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ بىلدۈردى.

بۈگۈن 25-فېۋرال ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلرۇي ئەسقەر خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئۆز ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ بۇلتۇر 4-ئايلار مەزگىلىدە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن تىلشۇناسلىق، لۇغەتچىلىك ساھەسىدە نەچچە ئونلىغان قورال كىتابلارنىڭ نەشردىن چىقىشىغا ئىلمىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ ئىسمىمۇ، خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلار تىزىمىغا قوشۇلغان بولدى.

گۈلرۇي ئەسقەر خانىم ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلغانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق ئەيىبلەشلەر ئارتىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.

ئۇنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ھۈسەنجان ئەسقەر بۇ يىل 48 ياشتا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۇنداقلا كاندىدات ئالىي تەرجىمان ئىدى. ھۈسەنجان ئەسقەر بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بېكىتىش ۋە ئېلان قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل غوللۇق خادىم بولۇپ ئىشلىگەن. ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ نۇرغۇن چوڭ ھەجىملىك لۇغەتلەرنى تۈزگەن ۋە ياكى تۈزۈشكە قاتناشقان، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.

ھۈسەنجان ئەسقەر ئىلگىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەدەنىيەت بوستانى سەھىپىسىگە شەرەپ مېھمىنى سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغىنىدا ئۆز كەسپىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.

ھۈسەنجان ئەسقەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوتتۇزدىن ئارتۇق يۈرۈشلۈك لۇغەتلەرنى تۈزگەن. بۇ لۇغەتلەر تەبىرلىرى چۈشىنىشلىك، ئىخچام، مىساللىق، رەسىملىك، ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق ۋە ئەپلىكلىكى، ئۆزى ئۆگىنىۋاتقان پەنلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى شۇنداقلا تەننەرخى ئەرزان بولۇشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ھۈسەنجان ئەسقەر ئىشلىگەن لۇغەتلەردىن بىر قانچىسى تۆۋەندىكىچە:

  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار قوللانمىسى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىيە سۆزلەر لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قانۇن چوڭ لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەردىن جۈملە تۈزۈش لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر جەۋھىرى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پۇل-مۇئامىلە چوڭ لۇغىتى
  • ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە ئىجتىمائىي پەنلەر چوڭ لۇغىتى
  • خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە پەن-تېخنىكا چوڭ لۇغىتى
  • 40 مىڭ خەتلىك خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تۇراقلىق ئىبارىلەر چوڭ لۇغىتى



ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ سىڭلىسى گۈلرۇي خانىم ئاكىسىنىڭ ئۆز كەسپى ئۈچۈن، خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە، ئۆز كەسپىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە تىرىشچانلىقىغا قايىل ئىكەنلىكى، بۇ خىل پىداكار روھنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭمۇ تەقىبلەش نىشانىغا ئايلانغانلىقىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن گۈلرۇي ئەسقەر خانىم، «لۇغەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى ھېسابلانسا، ئۇنداقتا، ھۈسەنجان ئەسقەردەك پۈتۈن ياشلىق باھارىنى مىللىتىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان زىيالىيلار نىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئېغىر بىر كرىزىس ئىچىدە قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەيدۇ.

بىز ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنى ھۈسەنجان ئەسقەر خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىدىن قايتا دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق ئىشخانىنىڭ تېلېفون نومۇرى ئۇلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇنى دەلىللەش ئىمكانى بولمىدى.

ئەمما، بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مەمەت ئېلى ئابدۇرېھىم ۋە لۇغەت تۈزۈشكە قاتناشقان تىلشۇناس ۋە كەسپىي خادىملاردىن نائىلجان تۇرغان، ئابدۇزاھىر تاھىر، تاھىر ئابدۇۋەلى قاتارلىقلارنىڭمۇ، ئۈرۈمچىدىكى يەر ناملىرىنى ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك، بۇلتۇر 5-ئايلاردا خىتاينىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى «پانتۈركىسىزىم» ۋە «پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش دولقۇندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىنكاس قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما دەلىللەنمىگەن ئىدى.

ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ ئاتىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى ئەسقەر ھۈسەيىن ئەپەندى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرلىرىدە مىللەتچى ئۇنسۇر دەپ 10 يىلدىن ئارتۇق تۈرمىلەردە رىيازەت چەككەن ئىدى. ئۇنىڭ «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تېزىسلىرى» ناملىق ئەسىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ئەسەر ئىدى. بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتكەن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى، تىل تەتقىقاتى ساھەسىدىن كۆپلەپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، «تىل تەتقىقات ساھەسىدىكى ھۈسەنجان ئەسقەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئىجتىمائىي پەندىكى سەركە زىيالىيلارنىڭ ئارقىمۇ ئارقا خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارغا تەۋە مەدەنىيەت ۋە بارلىق ئامىللارنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ نەقەدەر ۋەھشىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.