ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.02.24
ilham-mexmut-yighin-soz.jpg ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالماقتا. 2016-يىلى 21-فېۋرال، توكيو.
RFA/Qutluq

21-فېۋرال توكيودا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى بىلەن دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلىدى. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 21-فېۋرال مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن توكيو كوتو رايونى كامىدو ئەتراپىدىكى يىغىن زالىدا 1997-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» شۇنداقلا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان.

خاتىرىلەش پائالىيىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى كۆپ ساندىكى ياپونلار ئىشتىراك قىلغان.

ياپونىيەدە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش 2008-يىلى توكيودا قۇرۇلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۇنجى قېتىم 2009-يىلى 9-فېۋرال توكيودا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن باشلانغان. شۇندىن ئېتىبارەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىن زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ قانلىق ۋەقەنى ھەر يىل فېۋرال ئېيىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىشتەك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

بۇ يىل ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پائالىيەتلەر ئاساسەن ۋەقە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ۋە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈش يەنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ۋەقەدىن تا ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتقىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى 21-فېۋرالدىكى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» گە توغرا كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ كۆپچىلىككە ئەتراپلىق دوكلات سۇنۇلغان.

يىغىندا ئىلھام مەخمۇت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى پاجىئەلىك تەقدىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدە يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىلەردە بوۋىلىرى ۋە مومىلىرى بىلەن ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنىڭ تەدرىجىي ھالدا توسالغۇغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان سىياسىي ئوبزورچى مىئۇرا ئەپەندى بۇ قېتىمقى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن توكيودا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلى ياشلىرىنىڭ نامايىشىدىن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ھېس قىلدىم. بىراق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاجىئەدىن تولىمۇ بىئارام بولدۇم.»

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام مەخمۇت زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ياپونىيەدە 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى ئاڭلىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم نەتىجىلەرنى يەكۈنلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.